ناچار ھاۋا رايى سەۋەبلىك ئۇيغۇر رايونى ئىچىدە قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ باھاسى چۈشۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015.12.31

خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى 31-دېكابىر كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىدە قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ يېڭى يىل مەزگىلىدىكى باھاسى چۈشۈرۈلۈپ، كارىۋاتلىق پويىز بېلىتىدىنمۇ تۆۋەن باھادا سېتىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۈرۈمچىدىن كورلىغا قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلىتىنىڭ ئەڭ تۆۋەن چېكى 100 سوم، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلىتى 130 سوم، ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلىتى 190 سومغا چۈشۈرۈلگەن.

خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىچىدە قاتنايدىغان ئايروپىلان بېلەتلىرىنىڭ 70% تىن 90% كە قەدەر چۈشۈرۈلگەنلىكى، بېلەت باھاسىنىڭ بۇ قەدەر چۈشۈشىگە دۆلەت ئىچى ئايروپىلان قاتنىشىدىكى رىقابەت بولۇپمۇ، قىش پەسلىدىكى ناچار ھاۋا رايى سەۋەب بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

29- دېكابىر ئېلان قىلىنغان خىتاي خەۋەرلىرىدە، بۇ يىل قىش پەسلىدە ئۈرۈمچىدە تۇمانلىق كۈنلەر كۆپەيگەنلىكى، 2015-يىلى 14-دېكابىردىن 27-دېكابىرغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇدا 14 كۈن ئىس-تۈتەكلىك، تۇمانلىق ھاۋا رايى ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكى، بەزى كۈنلەردە بۇلغىنىش دەرىجىسى ئېغىر بولغانلىقى يېزىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.