NATO نىڭ يېڭى پىلانىدا خىتايغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق ئىبارىلەر قوللىنىلىشى مۇمكىن ئىكەن
2022.06.28
«شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» (NATO) نىڭ خىتاي ھەققىدىكى تۇنجى ئىستراتېگىيەلىك پىلانى 6-ئاينىڭ ئاخىرى چاقىرىلىدىغان ئەزالار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىكەن. بۇ يېڭى پىلاندا خىتايغا قارشى تېخىمۇ قاتتىق بولغان ئىبارىلەرنىڭ قوللىنىلىشى ھەققىدە كۆپلىگەن ئۇچۇرلار مەلۇم بولماقتا ئىكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 27-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيەدە چاقىرىلغان «سانائەتلەشكەن 7 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» (G7) دىن كېيىنلا باشلىنىدىغان NATO نىڭ ئەزالار يىغىنىدا رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ھەمكارلىق مەسىلىسى، شۇنىڭدەك خىتاينىڭ دۇنيا سىياسىي جۇغراپىيەسىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىغا قارىتا قانداق تەدبىر كۆرۈش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىدىكەن. بۇ ئىشلاردىن خەۋەردار بولغان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرىشىچە، ئىسپانىيەنىڭ مادرىد شەھرىدە چاقىرىلىدىغان NATO يىغىنىدا، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمەتلىرى خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان ھەربىي ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگە قارشى تېخىمۇ قاتتىق بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىش ھەققىدە تەكلىپ بېرىدىكەن.
خىتايغا مەبلەغ سالغۇچى ئاساسلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن بولغان گېرمانىيە ۋە فرانسىيەمۇ بۇ ئېقىمغا ئاۋاز قوشۇش تەرەپدارلىرى ئىكەن. ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جېك سۇللىۋان (Jake Sullivan) بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «بۇ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پىلاندا خىتايدىن كېلىۋاتقان مىسلىسىز خىرىسلار يەر ئالماقچى» دېگەن. NATO ئەمەلدارلىرىدىن بىرى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بىز خىتايغا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق شى جىنپىڭ بىلەن ياخشى شېرىكلەردىن بولۇپ قېلىشنى ئارزۇ قىلغان ئىدۇق. ئەمما ئۇلارنىڭ تۇتقان يولى بىزنى باشقىچە يوللارنى ئويلىنىپ كۆرۈشكە مەجبۇرلىماقتا،» دېگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» نىڭ بۇ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پىلانى ئۆز نۆۋىتىدە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي خىرىسلىرى ھەققىدە بەلگىلىك چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىنى ئىستەيدىكەن. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا رۇسىيەنى «بىۋاستە تەھدىت» دەپ ئاتىغان بولسا، خىتاينى «ئىستراتېگىيەلىك خىرىس» دەپ خۇلاسە چىقارغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايدىن كېلىۋاتقان خىرىسلار بارغانسېرى ئېشىپ مېڭىۋاتقان رېئاللىقنى كۆزدە تۇتۇپ ئاۋسترالىيە، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيە تۇنجى قېتىم بۇ قېتىمقى NATO يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر دائىمقىدەك بۇ يېڭى يۈزلىنىشنى ئەيىبلەپ ئىنكاس قايتۇرغان ھەمدە «ئامېرىكا جاھانگىرلىكى مۇشۇ ئارقىلىق بىزنىڭ تەرەققىياتىمىزنى بوغماقچى، شۇنداقلا ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى يېڭى زومىگەرلەرگە سورۇن ھازىرلىماقچى» دېگەن.