ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت قىلغان NBA تىرىنېرلىرى مەشىق بازىلىرىدا ياش توپچىلارنىڭ قاتتىق خورلىنىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020.07.30

ESPN نىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان مەنبەلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى NBA نىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە باشقا جايلاردىكى مەشىق بازىلىرىدا خىزمەت قىلغان ئامېرىكالىق تېرىنېرلار مەشىق بازىسىدا تەربىيەلىنىۋاتقان ياش توپچىلارنى يەرلىك تېرىنېرلارنىڭ قاتتىق خورلايدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.

خەەۋەردە ئېيتىلىشىچە، NBA نىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 مەشىق بازىسىدا ئىشلىگەن بىر قانچىلىغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان ئامېرىكالىق تېرىنېرلار ESPN تېلېۋىزىيىسىگە ئۇ يەردىكى خىتاي تىرېنېرلارنىڭ ياش توپچىلارنى ئۇرۇدىغانلىقىنى، ئۇلارغا مۇۋاپىق دەرسمۇ بەرمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بالىلارغا مائارىپ تەربىيەسى بېرىلمەسلىكى ۋە ئۇلارنىڭ جىسمانىي ھۇجۇمغا ئۇچرىشى بىر قىسىم تېرىنېرلارنىڭ توختامدىن بۇرۇن ئىشىنى تاشلاپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان بولۇپ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ياش توپچىلار ئۇچراۋاتقان بۇ مۇئامىلىگە قاراپ تۇرالمىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئۇيغۇر ئېلىدە خىزمەت قىلغان ئامېرىكالىق تېرىنېرلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ 10 ئاي ئىچىدە ساقچىلارنىڭ تەھدىتى ۋە تەقىبىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ھەتتا چەتئەللىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆي ئىجارىگە ئېلىشنىڭمۇ قېيىنغا توختىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. تېرىنېرلاردىن بىرى ئۆزىنىڭ ئۈچ قېتىم توختىتىپ سوراققا تارتىلغانلىقىنى، بىر قېتىم بىر نەچچە سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە» دەپ تەسۋىرلىگەن.

مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن زور غۇلغۇلا قوزغىدى. NBA نىڭ خەلقئارادىكى ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىدىغان مۇئاۋىن باشلىقى مارك تاتۇم بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب قايتۇرغاندا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن ئوقۇغۇچى ياش توپچىلارنىڭ خورلانغانلىقى توغرىسىدا «ئەرز-شىكايەت» لەرنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ۋە دەرھال بۇ ئەھۋالنى خىتاي دائىرىلىرىگە خەۋەر قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ NBA تېرىنېرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەكشۈرۈلۈشى ۋە تۇتۇپ تۇرۇلۇشىغا ئائىت ئەھۋاللاردىن خەۋىرى بولمىغانلىقىنى ئېيتقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەنتەربىيە كومىتېتى بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب قايتۇرمىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئۆزىنىڭ ESPN خەۋىرىدە چىققان بۇ ئىشلارنى دىپلوماتىك مەسىلە، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، سوئالغا جاۋاب بەرمىگەن.

ئامېرىكا دۆلەتلىك ۋاسكېتبول كۇلۇبى NBA نىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەشىق مەركىزى 2016‏-يىلى 10‏-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ خىتايدىكى 3 مەشىق مەركىزىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەشىق مەركىزى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئامېرىكالىق بىر قىسىم سىياسەتچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. يېقىندا NBA ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەشىق بازىسى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

NBA ئۇزۇندىن بېرى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى يۈز بېرىۋاتقان ۋە 3 مىليون ئەتراپىدا كىشى لاگېرغا قامالغان ئۇيغۇر رايونىدا مەشىق بازىسى ئاچقانلىقى ۋە بۇ زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئامېرىكالىق سىياسەتچىلەر ۋە شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.