خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «نىڭشىيا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىشنى شىنجاڭدىن ئۆگىنىۋاتىدۇ» ماۋزۇلۇق خەۋەر ماقالىسى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.
27-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نىڭشىيا تۇڭگان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ يۈنشېڭ يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ، رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەنگەن ۋە تەكشۈرۈشتە بولغان. زىيارەت ئاخىرىدا نىڭشىيا بىلەن ئۇيغۇر ئېلى ئارىسىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىق كېلىشىمى» ماقۇللانغان.
يۇقىرىقى بۇ خەۋەر تىۋىتتېر تورىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. خىتاينىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىقى بۇ خەۋەرنى نىڭشيادىكى مۇسۇلمان ئاھالىسىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ قاراشتى.
خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق» ۋە «رادىكاللىق» قا قارشى تۇرۇش نامى بىلەن بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇرنى لاگېرغا سولىغاندىن كېيىن، مۇسۇلمان ئاھالە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان نىڭشىيا ۋە گەنسۇ قاتارلىق جايلاردىمۇ «دىنىي ئەسەبىيلىك» ۋە «بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى تۇرۇش نامىدا ئىسلام دىنىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن كونترول قىلىۋاتقانلىقى، تۇڭگان ئاھالىلىرىنىڭ دىنى ئەركىنلىكىنىڭمۇ ئىلگىرىكىدىن كۆپ ھالدا چېكىنگەنلىكى مەلۇم بولغان ئىدى.
«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتايدا ئەڭ كەڭ قوللىنىلىدىغان «ئۈندىدار» ئەپىنىڭ سۇپىلىرى مۇسۇلمانلار ۋە ئىسلامغا قارشى تەشۋىقاتلار بىلەن توشۇپ كەتكەن بولۇپ، ئادەتتە ئۇچۇر قامال قىلىشتا ئەڭ ئىلغار سەۋىيەگە ئىگە بولغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇچۇرلارنى كۆرمەسكە سېلىشى دىققەت قوزغايدىكەن.