ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۇقتىلىق شەھەرلەردە «ھاۋا مۇداپىئە سىگنالى» سىناق قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.09.19

18-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قانچە نۇقتىلىق شەھەرلەردە ئاھالىلەرنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىيە كۆرۈش سىگنال سىستېمىسىنى سىناق قىلىش مانېۋىرى ئېلىپ بېرىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تارقىتىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشتا «يۇقىرىقى ھاۋا مۇداپىيە سېگنالى بېرىش ھەرىكىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىيە تەربىيەسىنى كۈچەيتىش، خەلق ئاممىسىنىڭ دۆلەت مۇداپىيەسى قارىشىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن بېكىتىلگەنلىكى» يېزىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە مىليونلىغان كىشىلەرنى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىغا قامىغاندىن كېيىن، رايوندا يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ھېچقانداق «تېررورلۇق» ۋە «زوراۋانلىق» ۋەقەسىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە بۇنى يېپىق تەربىيە لاگېرلىرىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلغان ئىدى. ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئۇنىڭ يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇرۇش ھالىتىدە قوللىنىلىدىغان ھاۋا مۇداپىيە سېگنالىنى مەشىق قىلغانلىقى دىققەت قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرى تۈپەيلى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر پەيتتە ئۇنىڭ ئۆز سايىسىدىنمۇ چۆچۈيدىغان ھالەتكە يېتىپ كەلگەنلىكىنى، خەلق تەرىپىدىن سۆيۈلمىگەن بىر ھاكىمىيەتنىڭ مۇشۇنداق زوراۋان ۋاسىتىلەرگە مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىندا زىيارەتتە بولغان ئەرەب ژۇرنالىست جارىرى خانىم رادىيومىزغا قىلغان سۆزىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى ماشىنىلىرىنىڭ كۈندە بىر قانچە قېتىم قەرەللىك ھالدا شەھەر ئىچىدە بىكاردىن-بىكار سىگنال بېرىش ئارقىلىق سۈنئىي جىددىيچىلىك يارىتىدىغانلىقىنى ۋە بۇنى ئاتالمىش «رەزىل كۈچلەرنى قورقۇتۇش» نامى ئاستىدا قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، ھاۋا مۇداپىيە سېگنالى ئالدىن سىگنال ۋە ھاۋا ھۇجۇمى سېگنالى دېگەن ئىككى تۈر بويىچە ئۈرۈمچى، سانجى، شىخەنزە، قاراماي، غۇلجا، كورلا، چۆچەك، قۇمۇل، تۇرپان، ئاقسۇ، قەشقەر، بورتالا، خوتەن، ئاتۇش ۋە ئالتاي قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بېرىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.