نۇرى تۈركەل: «ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتايغا قارىتا ماگنىتىسكىي قانۇنى قاتارلىق قوراللار ئىشقا سېلىنىشى كېرەك

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.06.29

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل 28-ئىيۇن «بلۇنبېرگ رادىيوسى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە قارىتا ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ماگنىتسكىي قانۇنى قاتارلىق قوراللارنى ئىشقا سېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. نۇرى تۈركەلنىڭ تەكىتلىشىچە، ياۋروپادىكى دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلەتسە شۇنداقلا ماگنىتسكىي قانۇنى قاتارلىق ئېمبارگو قوراللىرىنى ئىشقا سالسا، بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا مۇئامىلىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلايدىكەن.

نۇرى تۈركەل بۇ سۆزلەرنى «بلۇمبېرگ رادىيوسى» نىڭ رىياسەتچىسى دەيۋىد ۋېستىننىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا قىلغان. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەشنى داۋاملاشتۇرسا ۋە باشقا دۆلەتلەر ئۇنىڭغا ئىشتىراك قىلسا بۇنىڭ خىتاينى خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلايدىغانلىقى، لېكىن خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر بۇنىڭغا مەجبۇرلانمىغانلىقى، چۈنكى، ئامېرىكانىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئۇنىڭغا «سۈكۈت قىلىپ كەلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

نۇرى تۈركەلنىڭ تەكىتلىشىچە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مەسىلىدىكى تەنقىدىي پوزىتسىيەسى ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيودەك خىتايغا ئىزچىل چاقىرىق قىلىشى، شۇنىڭدەك بۇ چاقىرىقلارنىڭ خىتاي ئىقتىسادىي مەنپەئەتىگە بېرىپ تاقىلىشى ئۇنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشىدە ئۈنۈملۈك رول ئوينايدىكەن.

نۇرى تۈركەل ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىكى مەۋجۇت ئېمبارگو قوراللىرىنى، شۇنداقلا دۇنيادىكى باشقا ھۆكۈمەتلەرنىڭ ماگنىتسكىي قانۇنىغا ئوخشاش ئېمبارگو قوراللىرىنى تەڭ ئىشقا سېلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ؛ «بىز خىتاينىڭ خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلىماقچى بولساق، ئۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىنى تېخنىكا سىنىقىنىڭ تەجرىبە ماتېرىيالى قىلىپ داۋاملىق ئىشلىتەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.