يازغۇچى نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ ۋاپاتى چەتئەل ئاخباراتلىرىدىمۇ زور دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئۈلگىلىك يازغۇچىلاردىن نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ بۇ يىل مارت ئېيىدا لاگېردىن چىقىپ بىرنەچچە ئاي ئۆتمەيلا سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كېتىشى چەتئەل ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىمۇ كۆپلەپ خەۋەر قىلىندى. كانادادىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ بىرى بولغان «كانادا رادىيو شىركىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى مەخسۇس زىيارەت خاتىرىسىدىن كېيىن «يەر شارى ۋە پوچتا» گېزىتى 24-ئىيۇن كۈنى بۇ ھەقتە تەپسىلىي خەۋەر ئىشلىدى.

بۇ خەۋەرلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىزچىل «ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق ئىدىيەلىرى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنى ھەقسىز داۋالايدىغان مەكتەپ» دەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان، شۇنداقلا مىليونلاپ ئۇيغۇرنى قامىۋالغان لاگېرلارنىڭ قانداق جاي ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىلدى. بولۇپمۇ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولغان، يېشى 70 كە بارغان، «ئەسەبىيلىك» ياكى «تېررورلۇق» بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولمىغان بىر مويسىپىتنى «تىرىك ئېلىپ كېتىپ، ئۆلۈكىنى چىقىرىپ بەرگەن» قاباھەتلىك ھادىسىدىن ھازىر ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئېغىر ۋەھىمىگە سېلىۋاتقان لاگېرلاردىكى پاجىئەلەرنىڭ بىر بۇرجىكىنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

بۇ خەۋەر ۋە ماقالىلەردە ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن يەنە بىر نۇقتا نۇرمۇھەممەد توختىغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭقۇر ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىر يازغۇچىنىڭ نىشانلىق ھۇجۇم ئوبيېكتى بولۇشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋېتىش ئۇرۇنۇشىنىڭمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغانلىقى بولغان. شۇنداقلا نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ بىر قىسىم نادىر ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئىچىدە زور تەسىر قوزغىغانلىقى ئەسلەپ ئۆتۈلگەن.

غەرب ئوقۇرمەنلىرىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر قانداق بىر شارائىتتا مەۋجۇت بولۇۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلەپ بېرىش ئۈچۈن بۇ ئەسەرلەردە مېيىت ئىگىلىرىنىڭ دەپنە مۇراسىمى ئۈچۈن يۇرتىغا بېرىش ئىمكانىغا ئىگە ئەمەسلىكى، مۇشۇنداق بىر ئۆلۈم خەۋىرىنىڭ ئاي-ئايلاپ بېسىلىپ قېلىشى، ھەتتا جان ئۈزگەن كىشىنىڭ قاچان ۋە قەيەردە ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى سوراش ئىمكانىيىتىنىڭمۇ يوقلۇقى قاتارلىق تەپسىلاتلار بېرىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت