نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ باشلىقى «خىتايغا سېتىلغانلىق» بىلەن ئەيىبلەندى
2024.06.26
«نيۇ-يورك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 25-ئىيۇندىكى تەپسىلىي خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نيۇ-يورك شەھىرىنىڭ باشلىقى ئېرىك ئادامس (Eric Adams) ۋە ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ياردەمچىسىنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ئۆي تىنتىشنىڭ مەقسىتى ئۇلارنىڭ خىتاي سەپىرىگە دائىر مەلۇماتلارنى توپلاش ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئېرىك ئادامسنىڭ باش مەسلىھەتچىسى بولغان ۋىننى گرېكو (Winnie Greco) ئىسىملىك خىتاي نيۇ-يورك شەھىرىدىكى بىر خىتاي شىركىتى نامىدىن شەھەر باشلىقىنىڭ سايلام پائالىيىتى ئۈچۈن ئىئانە توپلىغان. بۇ خىلدىكى ئىئانە پائالىيەتلىرىگە پۇل ھەدىيە قىلىدىغانلار خىتاي سودىگەرلىرى بولۇپ، بۇ ھال ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكا تەۋەسىدىكى سايلام پائالىيەتلىرىگە ئارىلاشقانلىق، دەپ قارالغان. يەنە كېلىپ ئادامس ھازىرغا قەدەر يەتتە قېتىم خىتايغا زىيارەتكە بارغان بولۇپ، ئاز دېگەندىمۇ ئۇنىڭ ئاخىرقى خىتاي سەپىرىگە كېرەكلىك بىر قىسىم خىراجەتنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئالغان. ئۇ شۇ قېتىملىق زىيارەتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، «بىز خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بەك ياخشى سۆھبەتلەشتۇق» دېگەن.
بۇ يىل 61 ياشقا كىرگەن ۋىننى گرېكو ئۆزىنى ئوخشىمىغان سورۇنلاردا «ۋەتەنپەرۋەر خىتاي مۇھاجىرى» دەپ تونۇشتۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، يىللاردىن بۇيان خىتاي كومپارتىيەسى ئارقا تىرەك بولۇۋاتقان كۆپلىگەن تەشكىلاتلارغا «مەسلىھەتچى» بولغان ئىكەن. گەرچە ئۇلار ھازىرچە قولغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشلەر جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكا چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئۇدۇل نيۇ-يورك شەھىرىگە يوللاپ بېرىلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنىڭ تېزلا تەستىقلىنىشى ھەمدە بىر قاتار پاراۋانلىقلارغا نائىل بولۇشى، كۆپلىگەن نيۇ-يورك ئاھالىسىنى نارازى قىلغان. نۆۋەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ئادامس بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.