ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن كۆرۈشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.11.20


ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن پېرۇنىڭ پايتەختى لىمې شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى جەريانىدا ئۇچرىشىپ قىسقا ۋاقىت سۆزلەشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ ئاق ساراي باياناتىدىن نەقىل ئېلىشىچە، بۇ، ئىككى دۆلەت پرېزىدېنتىنىڭ ئامېرىكىدىكى پرېزىدېنت سايلىمىدا دونالد ترامپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ئۇچرىشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئىككى پرېزىدېنت سۈرىيە ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىلىرىدە قىسقا پىكىر ئالماشتۇرغان بولۇپ،ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئوباما بىلەن پۇتىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەن. ئاقساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ئوباما پۇتىننى ئۇكرائىنا مەسىلىسىگە ئائىت ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىرغان ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھەم ئۇنىڭ ھەمكارچىلىرىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى پوزىتسىيىسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مەلۇمكى، رۇسىيە قىرىمنى ئىگىلەپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسى كېلىپ چىققاندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى سوغۇقلاشقان ئىدى.

مەتبۇئات ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى جون كېررى بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ سۈرىيە مەسىلىسىدە داۋاملىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزىدىكەن.

پېرۇدىكى يىغىن جەريانىدا پرېزىدېنت ئوباما باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن شى جىنپىڭ باشچىلىقىدكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.