خىتاي ئۆكتىچىلەر ئوبامانىڭ شى جىنپىڭدىن نېمىشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ساقال-بۇرۇتىغا چېقىلغانلىقىنى سوراشنى تەلەپ قىلدى

ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» ناملىق خىتاي ئۆكتىچى تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ پەيشەنبە كۈنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭدىن 4 ھالقىلىق سوئالنى سوراشنى تەلەپ قىلدى.

«خىتاي پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى ئوبامانىڭ سورىشىنى تەلەپ قىلغان تۆت سوئالنىڭ بىرى، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىغا ئالاقىدار. بۇ سوئالدا ئوبامانىڭ «بەزى ئۆلكىلەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى خىتاي ئاساسىي قانۇنىنىڭ 4‏-ماددىسىدا كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ھوقۇقنى يۈرگۈزۈشى نېمە ئۈچۈن رەت قىلىنىدۇ؟........ ئەگەر سەن ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى قانۇنسىز يوقىتىشقا ئۇرۇنىۋاتقانمىغان بولساڭ، نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ كوممۇنىزم پېشۋاسى-كارل ماركس قويغان ساقال-بۇرۇت قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ» دەپ سورىشى تەلەپ قىلىنغان.

خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ پەيشەنبە كۈنى ئوباما بىلەن كۆرۈشىدۇ. شى جىنپىڭ پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ساھىبخانلىقىدىكى دۇنيا يادرو بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا كەلگەن ئىدى.

«خىتاي پۇقرالار كۈچى» نىڭ قالغان 3 سوئالى دىنىي ئەركىنلىك، «تيەنئەنمېن ۋەقەسى»، «دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش» قا ئالاقىدار.

«خىتاي پۇقرالار كۈچى» باياناتىدا، پرېزىدېنت ئوبامانى خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا، ئۇنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلىۋاتقان كىشىنىڭ ۋەدىسىگە ئىشىنىپ كەتمەسلىككە چاقىرىپ، ئۇنىڭ «خەلقئارا تەن جازاسىنى چەكلەش نىزامى»، «پۇقرالىق -سىياسىي ھەقلەر ئەھدىنامىسى»، ئۇ ئىمزا قويغان باشقا خەلقئارا مىزانلارغا ئەمەل قىلىشى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.