ئوباما تىبەت خەلقىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2014.02.22

جۈمە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما خىتاي تەرەپنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانى ئاقسارايدا قوبۇل قىلىپ، تىبەت خەلقنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى.

ئوبامانىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان. بۇ خىتاي تەرەپنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئوباما دالاي لامانى قوبۇل قىلسا، بۇنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر دەخلى يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھالبۇكى، ئوباما خىتاينىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىغا پەرۋا قىلماي دالاي لامانى ئاقسارايدا قوبۇل قىلىپ، تىبەت مەسىلىگە ۋە تىبەتلەر يولۇقۇۋاتقان ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يېقىندىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇچرىشىشى بىر سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلدى.

ئاقساراي ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، ئۇچىرىش داۋامىدا ئوباما تىبەتنىڭ ئۆزگىچە دىنى، مەدەنىيىتى ۋە تىبەت خەلقنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن.

ئوباما يەنە خىتاينى سەرگەردان تىبەت رەھبەرلىرى بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا چاقىرغان.

بۇ ئوبامانىڭ دالاي لامانى 3 - قېتىم قوبۇل قىلىشى. ئىلگىرىكى ئۇچرىشىشلار 2010 ۋە 2011 - يىللىرى ئۆتكۈزۈلگەن. بۇلارمۇ خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.