ئاقساراينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.03.01

ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى بېسىمنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئاقساراينىڭ 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. «ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» گېزىتىنىڭ 28-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، ئاقساراي خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى تۈپەيلى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ياكى باشقا دۆلەتكە يۆتكەش توغرىسىدىكى كۈچلۈك بېسىم ئاستىدا مۇسابىقىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى قايتا ئويلىشىۋاتقانلىقىنىڭ سىگنالى بەرگەن.

ئاقساراينىڭ باياناتچىسى جىن ساكى ئۆتكەن ھەپتە ئاقساراينىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش-قاتناشماسلىق مەسىلىسىدە تېخى ئاخىرقى قارارنى چىقارمىغانلىقى، بىراق ئامېرىكا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پىكىرىنى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جىن ساكى بۇرۇنقى سۆزلىرىدە بۇ مەسىلىنىڭ تېخى مۇزاكىرە قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە، جىن ساكىنىڭ ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى قىلغان سۆزى بۇ مەسىلىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ بىر بۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ئامېرىكانىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق سابىق ئەلچىسى نىكىي خىلېي ئۆتكەن ھەپتە ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. ئۇ: «ئەگەر ئامېرىكا ۋە باشقا ئەركىن دۆلەتلەر بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىغا قاتناشسا، خىتاي كومپارتىيەسى بۇنى خىتاينىڭ يەرشارى ئورنى ۋە رەھبەرلىكىنىڭ ئىسپاتى، دەپ ھېسابلايدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە تىۋېتتىرغىمۇ ئۇچۇر يوللاپ، «ئامېرىكىنىڭ ئۆز خەلقىگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن، دۇنياغا تەھدىت سېلىۋاتقان بىر دۆلەتنى ئۇلۇغلاشتۇرماسلىقى» نى تەكىتلىگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.