سونىي ۋىلليامس: «ئۇيغۇرلارنى قىرىۋاتقان خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتى يوق!»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مىليونلاپ لاگېرلارغا قامىشىدىن باشلانغان زور تۇتقۇن ۋە سىياسىي باستۇرۇش ھەركىتىنىڭ تىپىك قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كەڭ تارقالغاندىن كېيىن، ھەر ساھەنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشمەكتە. ئاۋسترالىيە دۆلەتلىك زەيتۇن توپ كوماندىسىنىڭ سابىق توپچىسى، يېڭى زېللاندىيەلىك تەنھەركەتچى سونىي بىل ۋىللىيامس يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى كەسكىن تەنقىدلەپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش چاقىرىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئەنگلىيەدىكى «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ 14-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سونى ۋىلليامس ئىلگىرى ئىككى قېتىم دۇنيا چېمپيونى بولغان كوماندا ئەزاسى سۈپىتىدە چېمپيونلۇق مېدالى ئالغان بولۇپ، يېقىندە ئېغىر دەرىجىلىكلەر بويىچە كەسپىي بوكىسچىلىققا قىزىقىپ قېلىپ زەيتۇن توپ ساھەسىدىن چېكىنگەن. ئۇ ھازىرغىچە جەمئىي يەتتە مەيدان مۇسابىقىگە چۈشكەن بولۇپ، تېخى يېڭىلىپ باقمىغان ئىكەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئۆتكەن ھەپتە «يېڭى لېنىيە ئاقىللار مەركىزى» ئېلان قىلغان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدىكى مەخسۇس دوكلاتنى كۆرگەندىن كېيىن بەكمۇ غەزەپلەنگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇ تەنتەربىيە ساھەسىدىكىلەرنى 2022-يىللىق بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا دەۋەت قىلغان. ئۇ يەنە 21-ئەسىردە ئېرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يېڭىۋاشتىن ئوتتۇرىغا چىقىشىنى توسۇشتا ھەممە ئىنساننىڭ بىر كىشىلىك مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا بايانات ئېلان قىلىپ: «ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىن قىلىنىشى، يەھۇدىيلارنىڭ ئەينى ۋاقىتتا لاگېرلاردا قىرغىن قىلىنىشىنىڭ ئەينى يوسۇندىكى تەكرارلىنىشى بولۇۋاتىدۇ. شۇنداق بولغانىكەن، مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىش پەقەت ئىشنىڭ باشلىنىشى خالاس،» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 35 ياشقا كىرگەن سونىي ۋىلليامس 2008-يىلى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولغان ئىكەن. ئۇ ھازىرغىچە ئىزچىل ھالدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدە كۆپ قېتىملاپ ئاكتىپ پائالىيەتلەردە بولغان ئىكەن.