خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى توكيو 2021-يىللىق يازلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە بېيجىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدا كىيىلىدىغان رەسمىي فورملارنى تىكىش ئۈچۈن توختام تۈزگەن خىتاي توقۇمىچىلىق شېركىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تارماق زاۋۇتى بولغان، يەنە كېلىپ ئۇنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتى ئىكەنلىكى ئېنىق بېكىتىلگەن ئۇيغۇر ئېلى پاختىلىرىنى ئىشلىتىشنى ئوچۇق-ئاشكارا تەشۋىق قىلغان شىركەت ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى 2019-يىلى 9-ئايدا خىتاينىڭ خېنيۈەنشياڭ (HYX) گۇرۇپپىسى بىلەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئەزالىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنى مۇراسىمدا ئىشلىتىلىدىغان رەسمىي فورما بىلەن تەمىنلەش ھەققىدە توختاملاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئامېرىكادىكى «ئاكسيۇس» (Axios) گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ خىتاي ئولىمپىك كومىتېتى بىلەن ئۇزۇن يىللىق مۇناسىۋىتى بار بولۇپ، ئۇ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ قوللىغۇچىسى بولغان. خىتاينىڭ تاۋباۋ قاتارلىق تور تىجارەت سۇپىلىرىدا بۇ شىركەت ئۇيغۇر ئېلىدىن چىققان پاختىلار بىلەن ياسالغان مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلغان ئىكەن. شىركەت تور بېتىدە يەنە ئۇلارنىڭ زاۋۇتلىرىدىن بىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە جايلاشقانلىقى يېزىلغان ئىكەن.
مەزكۇر خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا زور ئىنكاس قوزغىدى. ئامېرىكانىڭ سابىق تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو تىۋىتتېردا بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: «ئامېرىكالىقلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان خىتايدىكى قۇللار ياسىغان ئولىمپىك فورملىرىنى كىيىشكە مەجبۇرلاش ئىنتايىن ئېغىر بىر ئەھۋال،» دەپ يازغان ئىدى.
ئامېرىكادىكى ئەمگەك ھوقۇقى گۇرۇپپىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ دېرىكتورى پېنېلوپ كىرىتىس «Axios» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە «ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بارىدىغان، ھەتتا بۇنىڭ بىلەن ماختىنىدىغان شىركەتلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بولماسلىقى كېرەك. بۇ ئەيىبلىنىشى كېرەك،» دېگەن. ئۇ يەنە «دۇنيا ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان دەھشەتلەرنى تونۇۋاتقان بىر پەيتتە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى قارىغۇ بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ،» دېگەن.
ھالبۇكى، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ باياناتچىسى «Axios» غا قايتۇرغان جاۋابىدا يۇقىرىقى خىتاي گورۇھىنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا ئولىمپىك فورمىسى ئىشلەپچىقىرىشتا ئىشلىتىلىدىغان پاختىنىڭ مەنبەسىنىڭ چەت ئەلدىن كىرگۈزۈلگەنلىكى ھەققىدە ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى، دېگەن. بىراق ئۇلار بۇ گۇۋاھنامىنىڭ كىم تەرىپىدىن تەمىنلەنگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىگەن، گۇۋاھنامىنىمۇ كۆرسەتمىگەن.