ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلېكترونلۇق ئولتۇراق كىنىشكىسى بېجىرىلىپ، بۇ جەھەتتىمۇ دىگىتال نازارەت يولغا قويۇلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئولتۇراق كىنىشكىسى ۋە ۋاقىتلىق ئولتۇراق گۇۋاھنامىسى ئېلېكترونلاشتۇرۇلۇپ، ئېلېكترونلۇق كىنىشكا ئىشلىتىلىش باشلانغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئولتۇراق كىنىشكىسى ياكى ۋاقىتلىق ئولتۇراق گۇۋاھنامىسى ئالماقچى بولغانلار ئاپتونوم رايونلۇق ج خ نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس يۇمتالىنى قاچىلاپ، شۇنىڭدا ئىلتىماس قىلىدىكەن. كىنىشكا تەستىقلاش، تارقىتىش ئىشلىرىغا ج خ نازارىتى مەسئۇل بولۇپ، بۇ ئىشنى ئەمدى ئىجتىمائىي رايونلار بېجىرمەيدىكەن. لېكىن ج خ نازارىتىنىڭ يۇمتالىدا كىنىشكا ياكى گۇۋاھنامە ئېلىش ئۈچۈن قانداق شەرتلەرنىڭ تەلەپ قىلىنىدىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ يۇمتال ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق كىنىشكىسى ياكى ۋاقىتلىق ئولتۇراق گۇۋاھنامىسى ئېلىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇرلارنى دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىتى سەۋەبلىك ئومۇميۈزلۈك نازارەت ئاستىغا ئېلىشى ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قاتتىق كاشىلا پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر جايدىن يەنە بىر جايغا بېرىپ ياشىشىنى مۇمكىنسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئېلېكترونلۇق ئولتۇراق كىنىشكىسى «نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم قىسمى» ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ «ئاقما نوپۇسقا تېخىمۇ قۇلايلىق يارىتىپ بېرىدىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

مەزكۇر تۈزۈمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى رايون ئىچى ۋە سىرتىدىكى خىتاي كارخانىلارغا كەڭ كۆلەملىك يۆتكەش بىلەن بىرگە، ھەر خىل پاراۋانلىق سىياسەتلىرىنى چىقىرىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنى مەزكۇر رايونغا كەڭ كۆلەملىك جەلپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە يولغا قويۇلۇشى دىققەت قوزغىدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر تۈزۈم 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن رايوندا ئومۇملاشتۇرۇلۇپ بولۇنغان.