بۈگۈن، پاكىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرى ئۆمەرخان ۋە ئەنىۋەرخانغا قويۇلغان «چەتكە چىقىش چەكلىمىسى» نى بىكار قىلدى.
ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ بۇ ئىككى مەسئۇلىنىڭ چەتئەلگە چىقىشى پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەلىپى بويىچە چەكلەنگەن ئىدى. ئۇلار، 2011-يىلى 6-ئايدا تۈركىيەدە ئېچىلغان «شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار ئۇچرىشىشى» غا قاتنىشىش ئۈچۈن كېتىۋاتقىنىدا پاكىستان ئايرودروم خادىملىرى ئۇلارنىڭ «چەتكە چىقىشى چەكلەنگەن كىشىلەر» تىزىملىكىدە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشىغا يول قويمىغان.
ئۆمەرخان ۋە ئەنىۋەرخان ئاكا-ئۇكىلار بۇ قارارنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن چىقىرىلغانلىقىنى ئۇققاندىن كېيىن، دەرھال ئادۋوكات تۇتۇپ، قارار ئۈستىدىن داۋا ئاچقان ئىدى. داۋا جەريانىدا پاكىستان يۇقىرى سوت مەھكىمىسى بىر قانچە قېتىم ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى سوتقا چاقىرتقان ئىدى.
بۈگۈن، ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ باشلىقى ئۆمەرخاننىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 3 يىل داۋام قىلغان سوت جەريانىدا ئاخىرى بۇ ئىككى ئاكا-ئۇكا غەلىبە قىلىپ، ئۇلارغا قويۇلغان ساياھەت چەكلىمىسى بىكار قىلىنغان. ئۆمەرخان سۆزىدە بۇنى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسى ئۈستىدىن قىلغان غەلىبىسى، دېدى.