ئۆركەش دۆلەت «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ پەخرىي رەئىسى بولدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-17
Share

ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆز پائالىيىتىنى داۋام قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتى 15-ئىيۇن كۈنى تەيۋەندە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئۆركەش دۆلەتنىڭ مەزكۇر جەمئىيەتكە پەخرىي رەئىس بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۆركەش دۆلەت 1989-يىلىدىكى بېيجىڭ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا 21 ياشقا كىرگەن بولۇشىغا قارىماي تېلېۋىزىيەدىكى نەق مەيدان سۆھبىتىدە خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى پېڭنى كەسكىن تەنقىدلەپ، پۈتۈن خىتاينى ھەيران قالدۇرغان ئىدى.

«تيەنئەنمېن قىرغىنچىلىقى» دىن كېيىن ئۆركەش خوڭكوڭ ئارقىلىق فىرانسىيەگە قېچىپ كەتكەن ھەمدە كېيىنچە ئامېرىكاغا كېلىپ، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن.

ئۆركەش دۆلەت شۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدا ئاساسەن خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە قارشى تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ كەلگەن. ئەمما كېيىنچە ياۋروپا ۋە ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگىمۇ ئىشتىراك قىلغان. بۇ قېتىم ئۇنىڭ «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىغا پەخرىي رەئىس بولۇشىنى بەزىلەر «ئۆركەش دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاياتىدىكى بىر زور بۇرۇلۇش» دەپ قارىماقتا.

ئۆركەش دۆلەت بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆزىنىڭ فېيسبۇك سەھىپسىدە بايانات ئېلان قىلىپ: «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق قاتارلىق تۈركىي تىللىق خەلقلەر دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا قارشى ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىۋاتقان ‹ئۇيغۇر ھەرىكىتى› تەشكىلاتىنىڭ پەخرىي رەئىسى بولغانلىقىمدىن بەكمۇ ئىپتىخارلىق ھېس قىلماقتىمەن،» دېگەن. ئۇ باياناتىدا يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان كۆپلىگەن مەردانە كىشىلەرنىڭ ئارىسىغا قوشۇلغانلىقىدىن شەرەپ ھېس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۆركەش دۆلەتنىڭ باياناتىدا يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرى ئۈچۈن كۈرىشىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، شۇنداقلا دولقۇن ئەيسا، نۇرى تۈركەل، ئۆمەر قانات، ئەنۋەرجان ھەمدە «ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس قاتارلىق شەخسلەرنىڭ توختاۋسىز تىرىشچانلىقلىرى نەتىجىسىدە دۇنيانىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ ماھىيىتىنى تەدرىجىي تونۇپ يېتىۋاتقانلىقى، ئۆزىنىڭ مۇشۇنداق شارائىتتا بۇ ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى كۈرەشكە تېگىشلىك ھەسسە قوشۇش ئارزۇسىدا بولۇۋاتقانلىقى ئالاھىدە يەر ئالغان.

«ئۇيغۇر ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباس قۇرۇپ چىققان بولۇپ، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك مىللىي پاجىئەلەرنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا ئاكتىپ پائالىيەتلەردە بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت