1989-يىل يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى، يىللاردىن بۇيان تەيۋەندە پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ پەخرىي رەئىسى ئۆركەش دۆلەت تەيۋەن پارلامېنتى (تەيۋەن قانۇن چىقىرىش كومىتېتى) دا قۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ، ئىجرائىيە ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىكەن.
ئۆركەش دۆلەت بۇ خەۋەرنى 23-نويابىر كۈنى ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا ئېلان قىلغان بولۇپ، يەنە مۇنداق ئۇچۇرلارنى بەرگەن: «تەيۋەن پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، پارلامېنت ئەزاسى فەن يۈن ئۆز ۋاقتىدىكى ياۋا گۈلسامساق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، مەزكۇر كومىتېتنىڭ رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ۋاڭ تىڭيۈمۇ بۇ ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن ئەۋلادلاردىن ھېسابلىنىدۇ. 2020-يىلدىن كېيىنكى ۋەزىيەت كېڭەيمىچىلىك ياكى ئىگىلىك ھوقۇقى كىشىلىك ھوقۇقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ۋەزىيەت ئەمەس، بەلكى كىشىلىك قىممەت قارىشىنى ئاساس قىلغان يېڭى كۈرەش ۋەزىيىتى بولىدۇ.»