ئازادلىق رادىيوسى: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر دۇچ كەلگەن 4 چوڭ مەسىلە»

يېقىندا «ئازادلىق» رادىيوسىنىڭ ئوبزورچى برۇس پەنىيېرنىڭ «2019‏-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا دۇچ كەلگەن 4 چوڭ مەسىلە» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەت خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزگىرىشى، ئافغانىستاندىن كېلىدىغان تېرورلۇق تەھدىتى، ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىش ۋە يۈز تونۇش تېخنىكاسىنى كىرگۈزۈش قاتارلىق 4 چوڭ مەسىلىگە دۇچ كەلگەن.

ماقالىدە يەنە بۇ 4 چوڭ مەسىلىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرنى داۋاملىق تەقىب قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، 2019‏-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خىتايغا بولغان قارىشىدا ئۆزگىرىش بولغان بىر يىل ئىكەن. ماقالىدە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردىكى ئۆزگىرىش ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭغا خىتاينىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرنى قەرزگە بوغۇپ قويۇشى، خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ كۆپلەپ ئېقىپ كىرىپ، يەرلىكلەرنى ئەندىشىگە سېلىشى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە قىرغىزىستان ئومۇمى تاشقىي قەرزىنىڭ ئاز كەم 50 پىرسەنتىنى، تاجىكىستان ئومۇمى تاشقىي قەرزىنىڭ 35 پىرسەنتىنى خىتايدىن ئالغان قەرز پۇل ئىگىلەيدىكەن. ماقالىدە بولۇپمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇسۇلمانلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى ئوتتۇرا ئاسىيادا خىتايغا قارشى كەيپىياتنى كۈچەيتكەنلىكى، خىتاينىڭ بىر مىليوندەك مۇسۇلماننى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى قازاق ۋە قىرغىز ھۆكۈمەتلىرىنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملىق ساقلاپ قېلىشنى خالىسىمۇ، لېكىن لاگېردىن قويۇپ بېرىلگەن بىر قىسىم قازاق ۋە قىرغىزلارنىڭ قازاقىستان ۋە قىرغىزىستانغا چىقىپ، لاگېردا يۈز بەرگەن قورقۇنچلۇق خورلاشلارنى ئاشكارىلىشى خىتايغا بولغان نارازىلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتە ئىكەن.