ئۆزبېكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك سىستېمىسىنى 23 يىل باشقۇرغان گېنېرال ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شاۋكەت مىرزىيويېف ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىسلاھاتى داۋامىدىكى ئەڭ زور يېڭىلىقلارنىڭ بىرى ئۆزبېكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى رۇستەم ئىنايەتوفنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىشى بولۇپ ھېسابلانماقتا.

ئازادلىق رادىئوسىنى خەۋەر قىلىشىچە، سابىق پرېزىدېنت ئىسلام كەرىموف دەۋرىدە ئۆزبېكىستاندىكى پرېزىدېنتتىن قالسا ئىككىنچى شەخس دەپ قارالغان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتى رۇستەم ئىنايەتوف ئىسلام كەرىموفنىڭ 2005-يىلى ئەنجان ۋەقەسىدە ئۆكتىچىلەرنى قانلىق باستۇرۇشى، ئۆزبېكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ تۈركىيە ۋە باشقا بەزى ئەللەردە ئېلىپ بارغان ئىش-ھەرىكەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزبېكىستاندىكى ئىسلام كەرىموفقا قارشى دېموكراتىك ئۆكتىچىلىك ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇشتا مەشھۇر ئىدى.

ئازادلىق رادىئوسىنىڭ ۋىدىيولۇق تەپسىلاتىدا رۇستەم ئىنايەتوفنىڭ سابىق خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرى مىڭ جەنجۇ بىلەن چۈشكەن سۈرىتى باش كۆرۈنۈشكە قويۇلغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىدىكى ئانالىزلاردا قەيت قىلىنىشىچە، ئىسلام كەرىموف دەۋرىدە ئۆزبېكىستاننىڭ بىخەتەرلىك ساھەسىدە خىتاي بىلەن يېقىن ھەمكارلىق ئورنىتىشى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدا ۋە ئايرىم ھالدا خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ھەم باشقا خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە خىتاينىڭ مەيدانىنى قوللىشى قاتارلىقلاردا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ رولى چوڭ بولغان ئىدى. ئۇيغۇر ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ھەتتا ئۆزبېكىستاننىڭ كانادا پۇقراسى ھۈسەنجان جېلىلنى ئەينى ۋاقىتتا خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىشىمۇ رۇستەم ئىنايەتوف دەۋرىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئىنايەتوفنى ستالىن دەۋرىدىكى ۋەھشىيلىكتە داڭ چىقارغان دۆلەت بىخەتەرلىك كاتتىۋېشى بېرىياغا ئوخشىتىدىكەن.

پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزىيويېف 31-يانۋار كۈنى ئۆزبېكىستان دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنى 23 يىل باشقۇرغان ئۆزبېكىستاندىكى ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە شەخس، يەنى دۆلەت بىخەتەرلىك گېنېرال پولكوۋنىكىنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىشى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى زور ۋەقە سۈپىتىدە قارالماقتا.