ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى «ئ‍ۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى چەكلەش ھەركىتى» نى باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-05-24
Share

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇرلار ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچ كېلىۋاتىدۇ» دېگەن تارىخىي ھۆكۈمنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇنىڭغا مۇناسىپ بىر قاتار تەدبىرلەر ئېلىنىشقا باشلىدى. يېقىندا ئامېرىكا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىمۇ بۇ ھەقتىكى پائالىيەتلەرنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى چەكلەش ھەركىتى» نى قوزغىدى.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىدىن ۋىكىي خارتزلېر ۋە توم سۋازى بىرلىكتە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشنى چەكلەش قانۇن لايىھەسى» نى تونۇشتۇردى. بۇ قانۇن لايىھەسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىز-چوكانلىرىنى تۈرلۈك تىببىي ۋاستىلەر ئارقىلىق پەرزەنتلىك بولالماس قىلىۋېتىشتەك قەبىھلىكلىرى تەپسىلىي بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى جانلىق بايان قىلىندى. خارتزلېر خانىم بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «ئامېرىكا پۇقراسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز سۆز ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ تەخرسىزلىكىگە ئىشىنىمىز. شۇنداق بولغانىكەن، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ ھۇجۇم ئوبيېكتى بولۇپ قېلىشىغا قاراپ تۇرالمايمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا پرېزىدېنتىدىن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە مەخسۇس دوكلات تاپشۇرۇش، بۇنىڭدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەل قىلىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى تەپسىلىي شەرھىلەشنى تەلەپ قىلىدىكەن. شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىغا بۇ خىل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارغا ياردەم بېرىش ھەمدە ئاشۇ خىل زىيانكەشلىكنىڭ ئىجراچىلىرىغا جازا ئېلان قىلىش توغرىسىدا كۆرسەتمە بېرىدىكەن.

نۆۋەتتە مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تاشقىي ئىشلار ۋە ئەدلىيە كومىتېتلىرىغا تاپشۇرۇلغان بولۇپ، جىددىي مۇزاكىرە قىلىنماقتا ئىكەن. ئەگەر بۇلارنىڭ مۇزاكىرىسىدىن ئۆتسە ئۇ ھالدا كېيىنكى قەدەمدە پالاتانىڭ ئاۋاز بېرىشىگە سۇنۇلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت