ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى زاڭ شياۋجۈن خىتاي ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئورگانلىرى تەرىپىدىن رەسمىي رېجىم ئاستىغا ئېلىنغان. زاڭ شياۋجۈن بۇ يىل مايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغان ئىدى.
زاڭ شياۋجۈن جىلىنلىق خىتاي بولۇپ، ئۇ 1978- يىلى «شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ خىتاي تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا كىرىپ ئوقۇغان. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا قېلىپ، ئوقۇتقۇچىلىق، قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ئارخىپ كادىرى، قۇرۇلۇش نازارىتىنىڭ ئەمەلدارى، ئاپتونوم رايونلۇق ئۆي ئىسلاھات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئاتقۇرغان.
دائىرىلەر زاڭ شياۋجۈنگە «رېجىم ئاستىغا تۇرۇپ تۇرۇش تەدبىرى» قوللانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي ئالىي تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭغا قوللانغان رېجىم تەدبىرى بۇيرۇق بىلەن چاقىرتىش، كاپالەت بىلەن بىر يەرگە بېرىش، ئائىلىدە نازارەت قىلىنىش ياكى تۇتقۇن قىلىنىش ۋە قولغا ئېلىنىش تەدبىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
لېكىن زاڭ شياۋجۈن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق مۇداپىئە ئىشخانىسىدىن پارىخورلۇققا چېتىلغان بىردىن-بىر ئەمەلدار ئەمەس. بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ يىل ئاپرېلدا خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇ شىنيى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى 5 كىشىگە تەپتىش ئورگىنى تەرىپىدىن دېلو تۇرغۇزۇلغان.