ئۇيغۇر ئېلىدە «پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارلىرى ‹بىرىنچى باشلىق› بولۇش» ھەققىدە يوليورۇق بېرىلگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2025.01.23

23-يانۋار كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، سىياسىي ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ كاتىپى چېن مىڭگۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغان بىر يىغىندا «جايلاردا پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى (پارتىيە كومىتېتى) چوقۇم ‹بىرىنچى باشلىق› بولۇشتەك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى» يوليورۇق قىلىنغان.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدا تارقىتىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردىن قارىغاندا، چىن مىڭگو يىغىندا ھەرقايسى جايلار ۋە ئورگانلاردا سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەن بولۇپ، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سېكرېتارى (پارتىيە كومىتېتى) چوقۇم «بىرىنچى باشلىق» بولۇشتەك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى، تارماق ئاپپاراتلارنىڭ بولسا پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى پارتىيە گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىرىنچى قول ھوقۇقنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنىڭ يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ھېچقانداق ئەمەلىي ھوقۇقى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.

يۇقىرىدىكى يىغىندا يەنە، ھەرقايسى رايون دەرىجىلىك پارتكوم رەھبەرلىرى ۋە تارماق ئورگانلار رەھبەرلىرىگە سىياسىي ئورگانلارنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نەزەرىيەۋى قورالنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئاساسىي قاتلامنى مۇستەھكەملەش ۋە خىزمەتنى كۈچەيتىش ھەققىدىمۇ يوليورۇق بېرىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.