خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى ئۆلتۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.02.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


گۇما ناھىيەسىدە بىر ئۇيغۇر ياش ناھىيەلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئىشخانىسىغا باستۇرۇپ كىرىپ، بىر پىلانلىق تۇغۇت ئەمەلدارىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرگەن.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 24 - فېۋرال يۈز بەرگەندە ۋەقەدىن كېيىن، ئۇيغۇر ياش قېچىپ كەتكەن. دائىرىلەر ئۇيغۇر ياش ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، گۇما ناھىيەسىدە كەڭ كۆلەملىك ئاختۇرۇش باشلىغان.

دىلشات رىشىت، نۆۋەتتە، دائىرىلەرنىڭ خوتەندە بىر قانچە ئۇيغۇر ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانلىقىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە گۇما پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىغا ھۇجۇم قىلغان ئۇيغۇر ياشنىڭ بار - يوقلۇقى مەلۇم ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھۆكۈمىتى شەھەر - بازار نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى، يېزا نوپۇسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 3 تىن پەرزەنت كۆرۈشىگە يول قويسىمۇ، بىراق نورمىدىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرگەن ئۇيغۇرلارغا ئىنتايىن قاتتىق ۋە ئىپتىدائىي سىياسەت يۈرگۈزۈپ كەلگەن. بۇ ئەھۋال مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

گۇمىدا ئۇيغۇر ياشنىڭ پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئەمەلدارىنى ئۆلتۈرۈشىگە كونكرېت قانداق سەۋەب تۈرتكە بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. لېكىن دىلشات رىشىت: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇغۇش ھوقۇقىغا داۋاملىق مۇداخىلە قىلسا، بۇ خىل قانلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.