ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپيو 13-ئۆكتەبىر كۈنى قىلغان سۆزىدە ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى ئاقىللار مەركەزلىرىگە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئۆز تەسىرىنى سىڭدۈرۈش ھەرىكەتلىرىگە چەك قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. «دۆلەتلىك باھا» گېزىتىنىڭ 12-ئۆكتەبىردىكى سانىغا بېسىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مايك پومپېيو بۇ مەسىلىنىڭ ئاللىقاچان ئېغىر بىر سەۋىيىگە بېرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مايك پومپېيو بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدا «تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىز بىلەن ئالاقىدە بولۇشنى ئىستىگەن ھەرقانداق ئاقىللار مەركىزى ئۆزلىرىگە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىدىن ئىئانە قىلىنغان مەبلەغنىڭ تەپسىلاتىنى ئۆز تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىشى لازىم» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بىر قىسىم چەتئەل ھۆكۈمەتلىرى ئامېرىكادىكى ئاقىللار مەركىزىنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلىرىغا «مەردلەرچە» ياردەم بېرىش بەدىلىگە بۇ مەركەزلەر ئارقىلىق ئامېرىكا جامائىتى ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنماقتىكەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي ياردىمىگە ئېرىشكەن «ئاتلانتىك كېڭىشى» ئاقىللار مەركىزى بۇ يىل ئاۋغۇست ئېيىدىكى بىر قېتىملىق ئاممىۋى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىۋەتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى «ئىقتىسادىي ياردەم» ئارقىلىق ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى ئاقىللار مەركىزىنى ئۆز زۇۋانىغا ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشى پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغقانلىققا باراۋەر بولۇپ، خىتاي ۋە رۇسىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان پائالىيەتلىرى يېقىندىن بۇيان كۆپىيىپ ماڭماقتىكەن.