ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا رىقابەتچىلەر دىققەت قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلاندى
2020.09.02
«ھىندىستان ۋاقتى» تورىنىڭ 2-سېنتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر بىلەن دېموكراتلار ئورتاق دىققەت قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلانغان. ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكادىكى دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى جوۋ بايدىننىڭ باياناتچىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغان ۋە جوۋ بايدىننىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەنلىكىنى تەنقىدلىگەنىدى.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ گەرچە خىتاينى كورونا ۋىرۇسى ئاپىتىنى پۈتۈن دۇنياغا يامرىتىۋەتتى دەپ ئەيىبلىگەن ھەمدە ئۇ ۋىرۇسنى «خىتاي ۋىرۇسى» دەپ ئاتىغان بولسىمۇ خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈشتىن ۋاز كەچمىگەن، ئەمما كىچىككىنە سودا كېلىشىمىدىن كېيىن ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى يەنە يامانلاشقان. جوۋ بايدىن بۇ پۇرسەتتە كۆپرەك قوللاشقا ئېرىشكەن.
خەۋەردە يەنە خىتاينىڭ كورونا ۋىرۇسى مەزگىلىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنى توختاتمىغانلىقى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ ب د ت ۋە باشقا خەلقئارا تەشكىلاتلارغا بۇ جىنايەتنى «ئىرقى قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىپ، ئۇ يەرگە تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئاندىن خىتاينىڭ «جاندوست قېرىندىشى» پاكىستاننىڭ خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.