خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى ۋىلادىمىر پۇتىنغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان
2023.03.17
يېقىندا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى رۇسىيەنى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. 3-ئاينىڭ 17-كۈنى مەزكۇر سوت قارار چىقىرىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننى ئۇكرائىنالىق بالىلارنى تۇتقۇن قىلىش جاۋابكارلىقى ئۈچۈن قولغا ئېلىشنى بۇيرۇغان.
«ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى» نىڭ 17-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بەزى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىلگىرى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن خەلقئارا سوت تەرىپىدىن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا بەش دۆلەت رەھبىرىگە خەلقئارا سوت تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىشى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىكەن.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ ئەيىبنامىسىدە «پۇتىن، ئۇكرائىنالىق بالىلارنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىپ، رۇسىيەگە ئاپىرىشتەڭ ئۇرۇش جىنايىتىگە جاۋابكار» دېيىلگەن.
پۇتىندىن باشقا يەنە رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پرېزىدېنت ئىشخانىسى بالىلار ھوقۇقى خادىمى مارىيە ئالىكسىيېۋناغىمۇ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان.
بۇ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغاندىن كېيىن رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۇنى رەت قىلغان، ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى «بۇ بىر چوڭ ئىلگىرىلەش» دەپ ئۇنى ئالقىشلىغان.