2019-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 11 مىڭ 577 كەنت ۋە ئىجتىمائىي رايوندا قانۇن مۇلازىمەت ئىشخانىسى قۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلاملارغا قارىتا ئەدلىيە جەھەتتىكى كونتروللۇق كۈچەيتىلگەن.
شىنجاڭ گېزىتى «نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە،» ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمەت ئىشخانىسى «نامىدىكى بۇ خىل ئەدلىيە تارماقلىرى پۈتكۈل رايوننى قاپلاپ، ھەر بىر كەنت، ھەر بىر ئىجتىمائىي رايوندا بىر قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن رايوندىكى 12 مىڭ 43 كەنت ۋە ئىجتىمائىي رايوندا قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرغان. لېكىن يەرلىك تاراتقۇلاردا بۇ خىل» ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى ئىشخانىلىرى «نىڭ كونكرېت خىزمىتى ۋە فۇنكسىيەسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.
يەرلىك دائىرىلەر بۇنىڭ ئالدىدا رايوندىكى يېزا-بازارلاردا» فېڭچاۋ تىپى «دىكى يەرلىك سوتخانىلارنىڭ قۇرۇلۇپ، دەۋا-دەستۇرلارنىڭ ئۆز جايىدا ھەل قىلىنىدىغانلىقى، نورمال سوت مەھكىمىلىرىگە كېلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دائىرىلەر 2019-يىلى بۇ خىل سوتخانىلارنىڭ 83 مىڭ دەۋا-دەستۇرنى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنىڭ 99. 4 پىرسەنتىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر، دائىرىلەرنىڭ بۇ ئارقىلىق يەرلىك خەلقنىڭ دەۋا-دەستۇر ئىشلىرىدا نورمال سوت سىستېمىسىدىن پايدىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، نۇرغۇن ئەرز-شىكايەتلەرنى جايىدا توسۇپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
لېكىن،» شىنجاڭ گېزىتى «نىڭ قەيت قىلىشىچە،» ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى ئاساسىي قاتلاملاردىكى ئىجتىمائىي باشقۇرۇشقا كاپالەت قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرماقتىكەن «. دائىرىلەر يەنە كەنت، ئىجتىمائىي رايونلاردىكى بۇ خىل ئەدلىيە كونتروللۇقىنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرى ئارقىلىقمۇ ئىشقا ئاشۇرغان. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، دائىرىلەر» 12348 شىنجاڭ قانۇن تورى «ناملىق تور سۇپىسى قۇرغان. مەزكۇر تور سۇپىسىنىڭ تېلېفون يۇمتالى ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە مۇلازىمەت قىلىدىكەن.