خىتاي دائىرىلىرى «خىتاينىڭ قانۇن رامكىسى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.01.25

خىتاي ھۆكۈمىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئۇنىۋېرسال قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنى ئېچىلغان كۈنى بىر ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى ئاقلىغان.

23-يانۋار كۈنى ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ قانۇن رامكىسى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى» ناملىق بۇ ئاق تاشلىق كىتابتا تۆۋەندىكى ئىبارىلەر ئورۇن ئالغان:

«تېررورلۇقنىڭ قۇربانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ھەقىقىي تەھدىتكە دۇچ كەلدى. . . شىنجاڭ خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى.»

مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابتا يەنە «خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ رايونغا بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كەلگەنلىكى، مۇقىملىق ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئاھالىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسىنىڭ ئېشىپ، كىرىمىنىڭ بىر قاتلانغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي بۇ نۆۋەت جەنۋەدە چاقىرىلغان خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە ئۇنىۋېرسال قەرەللىك قاراپ چىقىش يىغىنىدا ئۇيغۇر ئېلىدا «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى ئاستىدا يولغا قويغان ۋەھشىيلىكلىرى سەۋەبىدىن قاتتىق تەنقىدكە دۇچ كەلگەن ئىدى. ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، گېرمانىيە ۋە مونتېنىگرو قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى خىتاينى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى بىكار قىلىشقا چاقىرغاندىن سىرت، ئۇنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ تەۋسىيەلىرىگە ئەمەل قىلىشقا چاقىرغان.

ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرى ئاق تاشلىق كىتابىدا «قايتا تەربىيەلەش» دەپ ئاتىۋالغان جازا لاگېرى تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «خىتاي ئاشقۇنلۇقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى تەربىيىلەش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمەتلىرىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدۇ» دېگەن. كىتابتا يەنە «بەزى دۆلەتلەر قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى باھانە قىلىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلدى. بۇ ھەرىكەتلەر دۇنيانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تىرىشچانلىقىغا ئېغىر توسالغۇ بولۇپ، ھەمكارلىق ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇردى» دېگەن ئىبارىلەرمۇ ئورۇن ئالغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.