خىتاي ھۆكۈمىتى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە رازىلىق بىلدۈرگەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2025.01.28

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 27-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 27-يانۋار كۈنى خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى جەزملەشتۈرۈلگەن قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئامېرىكا تەۋەسىدىن خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىشكە رازى ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بۇ خىلدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى ئېلىپ كەتمىگەن دۆلەتلەرگە قارىتا تاموژنا بېجى ۋە باشقا ئىقتىسادىي جازا تۈرلىرىنى ئىجرا قىلىش ھەققىدە سۆز قىلغاندىن كېيىن، بۇ يېڭى تەرەققىياتنىڭ كۆرۈلۈشى زور دىققەت قوزغىماقتا.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، سابىق پىرېزىدېنت جوۋ بايدېن دەۋرىدىكى چېگرا سىياسىتى تۈپەيلىدىن مىليونلىغان كۆچمەنلەر قانۇنسىز ھالدا ئامېرىكا چېگراسىدىن ئۆتكەن بولۇپ، يېڭى ھۆكۈمەت بۇ خىلدىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى بىردەك كەلگەن جايىغا قايتۇرۇش ھەققىدە بىر قاتار چارىلەرنى ئىشقا سالغان. شۇ قاتاردا نەچچە ئون مىڭلىغان خىتاي پۇقرالىرىمۇ بۇ خىل قايتۇرۇشنىڭ نىشانلىرىغا ئايلانغان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تەۋەسىدە تۇرۇۋاتقان قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىگە «ئاق پاسپورت» دەپ ئاتىلىدىغان ساياھەت گۇۋاھنامىسى تارقىتىپ بېرىشنى كەينىگە سۈرۈپ كەلمەكتە ئىكەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، «بىز ئامېرىكا قانۇن دائىرىلىرى بىلەن كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ھەمكارلىشىۋاتىمىز. قايتۇرۇلىدىغان قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىدە ئۇلارنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكى ۋە خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەنلىكى ئېنىقلانغاندىن كېيىن قايتۇرۇپ كېتىمىز» دېگەن.

ئامېرىكا چېگراسىدىن قانۇنسىز ھالدا توپ-توپ بولۇپ ئۆتكەن مىڭلىغان خىتاي ياشلىرىنىڭ ئەسكەرلىك يېشىدىكى كىشىلەر ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئامېرىكا ئۈچۈن خەۋپسىزلىك مەسىلىسى پەيدا قىلىش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقى بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان مەسىلە بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى تا ھازىرغا قەدەر ئۆزلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى قانۇنسىز خىتاي كۆچمەنلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە مايىللىقىنى بىلدۈرۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇ يېڭى يۈزلىنىش نۆۋەتتە تۈرلۈك تەخمىنلەرگە سەۋەب بولماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.