قازاقلار مەسىلىسى خىتاي-قازاقىستان مۇناسىۋىتىگە سايە تاشلىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-08-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن 20 يىل مابەينىدە سىياسىي، ئىقتىساد ۋە سودا ھەمكارلىقى ئاساسىدا ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ كېلىۋاتقان خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە دەز كېتىۋاتقانلىقى ھازىر بارغانسېرى روشەنلىشىشكە باشلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە «بىخەتەرلىك»كە دائىر مەسىلىلەر بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن.

«ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان «بۆلگۈنچىلىككە ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى» كۈرەشلەر، شۇنىڭدەك خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «تۆمۈردىن سوقۇلغان سەددىچىن ئارقىلىق شىنجاڭنى قوغداش» تەشەببۇسى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى سىياسىي كۈرەشلەر ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قازاقلارمۇ بۇ كۈرەشنىڭ قۇربانلىرىغا ئايلانماقتا ئىكەن. قازاقلاردىن مۇشۇ سىياسىي كۈرەشكە باغلىنىپ قولغا ئېلىنغانلار ۋە تۈرمىدىن ئۆلۈكى چىقىۋاتقانلار كۆپىيىشكە باشلىغان.

ھالبۇكى «ئازادلىق رادىيوسى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي بىلەن قازاقىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق بەكمۇ قويۇق داۋام قىلىۋاتقان بولغاچقا، قازاقىستاندىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇۋاتقان ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قازاقلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرمەسكە سېلىۋالماقتا ئىكەن. قازاقىستان ھۆكۈمىتى بولسا خىتايدىكى قازاقلار دۇچ كېلىۋاتقان مۈشكۈلاتلار ھەققىدە سۆز قىلىشتىن ئۆزلىرىنى ئەپقاچماقتا ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئىيۇن ئېيىدا بىر تۈركۈم قازاق زىيالىيلىرى قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېفقا بۇ مەسىلىنى ئىنكاس قىلىپ «خىتايدىكى قازاقلارغا ياردەم بېرىش بىزنىڭ مەجبۇرىيىتىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئاز ساندىكى قازاقىستان پۇقرالىرى ئوتتۇرا شەرقتە تېررورلۇق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان بولسىمۇ، بۇ پۈتكۈل قازاقلارنى رادىكاللىققا ياكى تېررورلۇققا باغلاشقا يېتەرلىك پاكىت بولالمايدىكەن. ئەمما شۇنداق بولسىمۇ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى يەنىلا «يېپىق قازان يېپىقچە قالسۇن» شەكلىدە ئىش كۆرمەكتە ئىكەن. ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن جۇ خەيلۇن بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ «قازاقىستاندا خىتايدىكى قازاقلارغا مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات پائالىيىتىنى تېگىشلىك يوسۇندا تەشكىللىمەي بولمايدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت