قازاق يازغۇچى ۋە ژۇرنالىست دىلشات ئورالباينىڭ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-11-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

قازاق يازغۇچى، ژۇرنالىست ۋە تەرجىمان دىلشات ئورالباينىڭ-2018يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

دىلشات ئورالباينىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق سىڭلىسى گۈلئايشانىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ دىلشات ئورالباي 2018‏-يىلى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەندىن بېرى ئۇنىڭ ھېچقانداق ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغان. دىلشات ئورالباي 1987‏-يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن «ئىلى گېزىتى»، ئىلى ئوبلاستلىق سىياسىي كېڭەش، «كۈيتۇن گېزىتى» قاتارلىق جايلاردا مۇخبىر، تەرجىمان ۋە ئەدەبىي تەھرىر بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ «كاپىتان گتانتىنىڭ قىزلىرى» قاتارلىق 15 كىتاب، «ئەركىنلىك» قاتارلىق 30 پارچە پوۋېست ۋە ھېكايە، 150 تەك تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى قازاقچىغا تەرجىمە قىلغان. ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دىلشات ئورالباينىڭ ئون نەچچە پارچە ماقالىسى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىكەن. گۈلئايشا 19‏-نويابىر كۈنى رادىىيومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، دىلشات ئورالباينىڭ 2008‏-يىلى پېنسىيەگە چىقىپ، قازاقىستانغا كۆچۈپ چىققانلىقىنى، ئۇنىڭ قازاقىستاندا پلاستىك دېرىزە زاۋۇتى قۇرۇپ تىجارەتكە كىرىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، دىلشات ئورالباي 2016‏-يىلى قازاقىستاندا ياشايدىغان خىتاي گىراژدانلىرىنىڭ قايتىپ كېلىش ھەققىدىكى چاقىرىقىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر رايونىغا قايتىپ كەلگەن. لېكىن ئۇ قايتىپ كېلىشىگە دائىرىلەر ئۇنىڭ پاسپورتىنى تارتىۋالغان. گۇلئايشا، 2018‏-يىلى دىلشات ئورالباي بىلەن يەنە بىر چوڭ ئاكىسى ۋە ئىككى سىڭلىسىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، گەرچە چوڭ ئاكىسى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، لېكىن دىلشات ئورالباي بىلەن ئىككى سىڭلىسىنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017‏-يىلى 2‏-ئايدا باشلانغان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇنىدا 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە قازاق لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن. بەزى تۇتقۇنلار لاگېرلاردا سوتلىنىپ، قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىنغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت