ئۇيغۇر زامانىۋى مۇزىكا سەنئىتىنىڭ ئاساسچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى ۋە بىر قانچىلىغان سىمفونىيەلىرىنىڭ ئاپتورى قۇددۇس غوجامياروف تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى زىيالىيلىرى ئارىسىدا خاتىرىلىنىشكە باشلىغان.
قازاقىستاندىكى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتى يازغۇچى ئاۋۇت مەسىموفنىڭ قۇددۇس غوجامياروف تەۋەللۇتىنىڭ 00 يىللىقىغا بېغىشلىغان مەخسۇس ماقالىسىنى ئېلان قىلدى.
1918-يىلى 21-ماي كۈنى ئالمۇتا يېنىدىكى قەينەزەر يېزىسىدا تۇغۇلغان قۇددۇس غوجامياروف سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى دائىرىسىدىن ھالقىپ ئۇيغۇر دىيارىغىمۇ كەڭ تونۇلغان كومپوزىتور بولۇپ، ئۇ قازاقىستان دۆلەتلىك مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرغۇچى رەھبەرلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە پەقەت ئۇيغۇرلارلا ئەمەس، بەلكى كۆپلىگەن قازاق، رۇس ۋە باشقا مىللەت مۇزىكانتلىرىنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدىكى ئۇستازلاردىن بىرى ئىدى.
ئۆزىنىڭ سىمفونىيە ۋە ئوپېرا ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ئازادلىق كۈرەش تېمىلىرىغا بېغىشلىغان قۇددۇس غوجامياروف 1945-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باتۇر جەڭچىسى رىزۋانگۈلنىڭ قەھرىمانلىق كۈرەش ھاياتىغا بېغىشلىغان «رىزۋانگۈل» سىمفونىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئۈچۈن 1951-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ «سادىر پالۋان»، «نازۇگۇم»، «چىنتۆمۈر باتۇر» قاتارلىق ئوپېرا ۋە بالېت مۇزىكىلىرى، «تەكلىماكان»، «مەشرەپ»، «ئابدۇللا روزىباقىيېف» قاتارلىق سىمفونىيەلىرى ھەمدە سىنفونىيەلىك داستان «رىزۋانگۈل» قاتارلىق بىر قانچە چوڭ ھەجىملىك مۇزىكا ئەسەرلىرى ھەم ھەر خىل ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئىجاد قىلغان شۇنىڭدەك ئۇنىڭ سىمفونىيە ئەسەرلىرى موسكۋا، ئالمۇتا ۋە باشقا شەھەرلەردە ئورۇندالغان ئىدى.
قۇددۇس غوجامياروف مۇزىكا كەسپىنى ئالمۇتا ۋە موسكۋادىكى مۇزىكا ئىنستىتۇتلىرىدا ئالغان بولۇپ، ئۇزۇن يىللار قازاقىستان مۇزىكا ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ۋە پروفېسسورى بولۇپ ئىشلىگەن. قولغا كەلتۈرگەن زور نەتىجىلىرى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا «سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خەلق ئارتىسى» دېگەن ئەڭ يۇقىرى نام بېرىلگەن ئىدى. ئۇ 1994-يىلى، 8-ئاپرېل كۈنى ئالمۇتادا 75 يېشىدا ۋاپات بولغان.