قازاقىستان دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىن قازاقىستانغا قېچىپ چىققان ئىككى نەپەر قازاققا مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىشنى قارار قىلغان.
ئازاتلىق رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىدىكى قارار قازاقىستان كۆچمەنلەر ئىدارىسى تەرىپىدىن 29-ئۆكتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان.
30 ياشلىق قاستېر مۇساقانۇلى ۋە 25 ياشلىق مۇراگېر ئەلىمۇلى تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇلار بۇ يىل 1-ئۆكتەبىر كۈنى چېگرىنى بۆسۈپ چىقىپ، قازاقىستان چېگراسىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن. ئۇلار 14-ئۆكتەبىر كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا تەقىبلەشكە ئۇچرىغانلىقىنى جاكارلىغان. قاستىر مۇساقانۇلى شۇ كۈنى ئۆزىنىڭ بىر قانچە يىل ئۇيغۇر ئېلىدىكى «قايتا تەربىيە لاگېرى» دا ياتقانلىقىنى، قازاقلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تەقىبلەش ۋە سۈرگۈنگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىپ، «سىياسىي تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا» قامىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر ئېلىدىن قېچىپ چىققان بىر كىشىگە مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. قازاقىستان دائىرىلىرى 2018-يىلى 4-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىن قېچىپ چىققان سايراگۈل ساۋۇتبايغا بۇنداق سالاھىيەت بېرىشنى رەت قىلغانىدى. گەرچە ئۇلار خەلقئارانىڭ بېسىمى بىلەن سايراگۈلنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ قازاقىستاندا قېلىشىغا يول قويمىغان. سايراگۈل نۆۋەتتە يولدىشى بىلەن بىرلىكتە شىۋېتسىيەدە پاناھلانماقتا. سايراگۈل ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەزگىلىدە لاگىردا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇ نۆۋەتتە لاگىر ئىچىدىكى ئەھۋاللار ھەققىدە خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنى مۇھىم ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىمەكتە.