قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىسىنىڭ دراما ئەسىرى بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىدى
2017.11.26
قازاقىستان ئۇيغۇر يازغۇچىسىنىڭ دراما ئەسىرى تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئەڭ نادىر دراما ئەسەرلىرىنى تاللاش مۇسابىقىسىدە بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىدى.
قازاقىستاندىكى «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە مىللىي كىملىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغان خەلقئارالىق «تۈركسوي» تەشكىلاتى بىلەن تۈركىيە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان دۇنيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ خەلقئارالىق دراما ئەسەرلىرى مۇسابىقىسىدە قازاقىستانلىق ئۇيغۇر يازغۇچى، قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى ئۇيغۇر ئەدەبىيات كېڭىشىنىڭ رەئىسى ئەخمەتجان ھاشىرىينىڭ «چارباغ» ناملىق دراما ئەسىرى بىرىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەن.
ئەخمەتجان ھاشىرىي قازاقىستاندا تونۇلغان ئۇيغۇر يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قىسىم رومانلىرى ۋە باشقا ئەسەرلىرى ئۇيغۇر تىلىدا چىققاندىن كېيىن رۇسچە، قازاقچە، تۈركچە ۋە باشقا تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۇيغۇر تارىخىنىڭ سەلتەنەت دەۋرلىرىگە بېغىشلىغان «ئىدىقۇت» ۋە «بارچۇق ئارت تېكىن» رومانلىرى نەشر قىلىنغان، شۇنىڭدەك يەنە ئۇنىڭ «ئىدىقۇت» رومانى درامىلاشتۇرۇلۇپ قازاقىستان جۇمھۇرىيەتلىك ئۇيغۇر تىياتىرى تەرىپىدىن ئوينالغان ھەم مۇكاپاتقا سازاۋەر بولغان ئىدى. ئۇنىڭ «ئىدىقۇت» رومانى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنىپ، تۈركىيەدە نەشر قىلىنغان ئىدى.