خىتاي دائىرىلىرى قازاقىستانلىق ئاخباراتچىلار ئۆمىكىنى قەشقەردە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرغان

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2023.07.06

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم. «خىتاي خەۋەرلەر تورى» تارقاتقان بىر خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا قازاقىستانلىق ئاخباراتچىلاردىن تەركىب تاپقان بىر ئاخبارات ۋەكىللەر ئۆمىكىنى ئۇيغۇر ئېلىگە تەكلىپ قىلغان. ئۇلار 28-ئىيۇندىن 4-ئىيۇل كۈنىگىچە قەشقەر ۋىلايىتىدە زىيارەتتە بولغان.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، قازاقىستاندىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ «قەشقەردىكى قەدىمكى ئىمارەتلەر، كۆز قاماشتۇرىدىغان قول ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى ۋە ھەر خىل يەرلىك نازۇ-نېمەتلەرگە ھەيران قېلىشقانلىقىنى؛ قەشقەر خەلقىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغانلىقى» نى بايان قىلغان.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» تارقاتقان بۇ خەۋەردە، قازاقىستاندىن كەلگەن مۇخبىرلارنىڭ «قەشقەردە قەدىمىي بىناكارلىق ئۆرنەكلىرى، قول-ھۈنەرۋەنچىلىك، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىنتايىن ياخشى قوغدىلىپتۇ، مەن بۇنى دۆلىتىمىزدىكى تاماشىبىنلارغا ئاڭلىتىپ، ئۇلارغا قەشقەرنىڭ ئۆزگىچە جەلپ قىلىش كۈچىنى تونۇشتۇرىمەن» دېگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا 2017-يىلىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ۋە لاگېر تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، خەلقئارادا كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي مۇشۇ خىلدىكى تەشۋىقات خاراكتېرلىك زىيارەت پائالىيەتلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۇنيانى ئالداشقا باشلىغان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاينىڭ بۇنداق ساختا تەشۋىقات ھەرىكەتلىرى، دېموكراتىك دۇنيانى ئالدىيالمايلا قالماستىن، بەلكى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك ئەيىبلەشلىرىگە ئۇچرىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.