خىتاينىڭ قەشقەرنى «چوڭ شەھەر» گە ئايلاندۇرۇش پىلانى تېزلەشكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت بۆشۈكى، بولغان قەدىمىي شەھەر-قەشقەرنى ئەتراپتىكى ناھىيەلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ «چوڭ شەھەر» گە ئايلاندۇرۇش پىلانىنى تېزلەتكەن. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانى قەشقەر شەھىرى، كونا شەھەر، يېڭى شەھەر ناھىيەسى ۋە قەشقەر ئ‍ىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە ئايلاندۇرۇش، «چوڭ قەشقەر رايون خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىش ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر لاگېر، تۈرمىلەرگە قامالغان، خىتاي كارخانىلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان بىر ۋاقىتتا قەشقەرنى «چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىگە» ئايلاندۇرۇشقا قوپۇشى دىققەت قوزغىغان. خىتاينىڭ «شىنخۇا تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ 2019-يىلى باشلانغان بۇ قۇرۇلۇشى، نۆۋەتتە تېزلىشىش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ئۇنىڭ پىلانى 2023-يىلغىچە بىر شەھەر ئىككى ناھىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 195 كۋادرات كىلومېتىرلىق «چوڭ قەشقەر» نى بىر مىليون نۇپۇسلۇق شەھەرگە ئايلاندۇرۇش ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قۇرۇلۇش ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئالغا سۈرۈپ، قەشقەرنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش ياسايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق چەتئەلدىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇ پىلان خىتاينىڭ «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەسى» نىڭ پارچىسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس ئۈستۈنلىكىگە خاتىمە بېرىپ، ئۇلارنى ئاجىزلىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. قەشقەر خىتاينىڭ 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇنىدا ئۇنىڭ ئاساسلىق زەربە بېرىش نىشانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى.