قەشقەردىن غۇلجا ۋە قارامايغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىز لىنىيەسىدە قاتاناش باشلانغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-10-22
Share


تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 20 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر شەھىرىدىن شىمالدىكى غۇلجا ۋە قاراماي شەھەرلىرىگە بىۋاسىتە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى لىنىيەسىدە قاتناش باشلانغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۆمۈر يول ئىدارىسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە 8 - قېتىملىق يولۇچىلار پويىزىنىڭ يۈرۈش خەرىتىسىنى تەڭشىشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، قەشقەر بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا قاتنايدىغان ئىككى جۈپ پويىزنىڭ يول يۈرۇش بۆلىكى ئايرىم - ئايرىم ھالدا غۇلجا ۋە قاراماي شەھەرلىرىگە ئۇزارتىلىدىكەن.

يېڭىدىن ئۇزارتىلغان قەشقەر - قاراماي يولۇچىلار پويىزى لىنىيەسى جەنۇبىي شىنجاڭ، لەنجۇ - شىنجاڭ، كۈيتۈن - بېيتۈن لىنىيەلىرىنى بېسىپ ئۆتىدىكەن. بۇ لىنىيەنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 1849 كىلومېتىر ئىكەن.

قەشقەر - غۇلجا يولۇچىلار پويىزى لىنىيەسى بولسا جەنۇبىي شىنجاڭ، لەنجۇ - شىنجاڭ، جىڭ - قورغاس لىنىيەلىرىنى بېسىپ ئۆتىدىكەن. بۇ لىنىيەنىڭ ئومۇمىي مۇساپىسى 2079 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى دائىرىلەر ئاساسلىقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرى ئارىسىدىكى تۆمۈر يول لىنىيەلىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتاي ئۆلكىلىرىگە توشۇلىدىغان يەر ئاستى بايلىقلىرى بىلەن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىدىغان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئاسانلىق ياراتقان.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ قېتىم قەشقەردىن غۇلجا ۋە قارامايغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان يولۇچىلار پويىزى لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشىنى رايوندا شىددەت بىلەن كۆپەيگەن ئاقما نوپۇسنىڭ شەھەرلەر ئارا يۆتكىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.