ۋىلسون مەركىزى پاكىستاننىڭ 1955 - يىلى قەشقەردە كونسۇلخانا قۇرۇشنى تەلەپ قىلغانلىقى ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتنى ئېلان قىلغان


باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ۋىلسون تەتقىقات مەركىزى 1955 - يىلى خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ ئىككى تەرەپنىڭ چېگرا شەھەرلىرىدە كونسۇلخانا قۇرۇش ھەققىدە تارتىشما ئېلىپ بارغانلىقى ھەققىدىكى مەخپىي ھۆججەتلەرنى يېقىندا ئاشكارا قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى 1949 - يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا پاكىستان بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان. خىتاي تەرەپ كاراچىدا باش ئەلچىخانا قۇرغاندىن كېيىن 1955 - يىلىنىڭ بېشىدا شەرقىي پاكىستاندا كونسۇلخانا ئېچىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭغا جاۋابەن پاكىستان تەرەپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم شەھەر قەشقەردە كونسۇلخانا ئېچىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ۋىلسون مەركىزى ئېلان قىلغان ھۆججەتكە قارىغاندا، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقى 1955 - يىلى 8 - ئۆكتەبىر كۈنى پاكىستاننىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ئالاقە ئەۋەتىپ، پاكىستاننىڭ قەشقەردە كونسۇلخانا ئېچىشىغا قانداق پىكىردە ئىكەنلىكىنى سورىغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بىلەن خەلق ھۆكۈمىتى شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭدىكى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستېرلىقىغا جاۋاب يېزىپ مۇنداق دېگەن: «شىنجاڭ چېگرا رايون. بۇ يەردىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ئىنتايىن سەزگۈر ۋە مۇرەككەپ. شۇڭا بىز شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇنداق قارىدۇق. ئەگەردە پاكىستان قەشقەردە كونسۇلخانا ئاچسا جاسۇسلۇق بىلەن شوغۇللانمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قەشقەردە چەتئەل كونسۇلخانىسىنىڭ بولۇشى بۇ يەردىكى مىللەتلەرنىڭ ئىناق - ئىتتىپاقلىقىغا زىيان كەلتۈرىدۇ شۇنداقلا بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزگىمۇ ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرىدۇ.»

بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى 1949 - يىلىدىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىدىن باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا كونسۇلخانا ئېچىشىغا يول قويمىغان. ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەڭ سادىق قوشنىسى پاكىستاننىڭ قەشقەردە كونسۇلخانا ئېچىش تەلىپىنىمۇ رەت قىلغان.