خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭنىڭ سىياسىي سەھنىدىن يوقىلىشى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ يەڭ ئىچىدىكى كۈرەشلىرىنى ئاشكارىلىغان
2023.07.25
«ۋال سترېت ژۇرنىلى» نىڭ 25-ئىيۇل كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چىن گاڭ بىر ئايغا يېقىن يوقاپ كەتكەندىن كېيىن، مەنسەپتىن قالدۇرۇلغان. ئۇنىڭ ھوقۇقىنى خىتاينىڭ باش دىپلوماتىيە ئەمەلدارى ۋاڭ يى ئۆتكۈزۈۋالغان. بۇ ئۆزگىرىشلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىرلىق، غەلىتە ۋە يەڭ ئىچىدە ھوقۇق سودىسى قىلىدىغان ماھىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.
ئۆتكەن يىل 12-ئايدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولغان چىن گاڭ، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن باشلاپ يوقاپ كەتكەن، بىر قانچە مۇھىم خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتناشمىغان بولۇپ، شۇنىڭدىن تارتىپ خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىدا بولۇپ كەلگەنىدى.
«ئامېرىكا ئاۋازى» تورىنىڭ 25-ئىيۇل كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 57 ياشقا كىرگەن چىن گاڭ شى جىنپىڭنىڭ يېقىن ئادىمى بولۇپ، ناھايىتى تېز ئۆستۈرۈلگەن. ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى باش ئەلچىسى، ئارقىدىنلا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن. ئادەتتە، بىر دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 26 كۈن يوقاپ كېتىدىغان ئىش كەمدىن كەم كۆرۈلىدىغان بولۇپ، ئەمما بۇ ئىش خىتايدا يۈز بەرگەن.
خەۋەر ئانالىزىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسى تولىمۇ سىرلىق، بېكىنمە بولۇپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئالمىشىشى يەڭ ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. مانا بۇلار چىن گاڭ يوقاپ كېتىپ، نۇرغۇن گەپلەر چىققاندىن كېيىنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىم تۇرۇۋېلىشنىڭ ياكى «چىن گاڭ ئاغرىپ قالدى» دەپ يالغان ئېيتىشىنىڭ بىر سەۋەبى ئىكەن.