خىتاي بىلەن قىرغىزىستان تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن


2019.08.07

6-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرى بىلەن قىرغىزىستان دۆلەتلىك ئىچكى ئامانلىقنى قوغداش قىسىملىرى بىرلىكتە «ھەمكارلىق-2019» نامىدا بىر مەيدان تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن.

7-ئاۋغۇست «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان مۇناسىۋەتلىك خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىملىق بىرلەشمە مانېۋىر «تېررورلۇق تەھدىتلىرىگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش» نى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ، «قول تۇتۇشۇپ تېررورلۇق جىنايەتلەرگە بىرلىكتە زەربە بېرىش» شۇنداقلا «مۇرەككەپ تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى بىرلىكتە بەربات قىلىش» قاتارلىقلارنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىملىق ھەربىي مانېۋىرغا خىتاي ۋە قىرغىزىستان ئىككى تەرەپتىن تەخمىنەن 150 كە يېقىن كوماندىر-ئەسكەرلەر قاتناشقان ئىكەن.

5-ئاۋغۇست كۈنى قىرغىزىستاندىكى يەرلىك خەلق شۇ جاينىڭ شىمالىدىكى بىر ئالتۇن كېنىغا ھۇجۇم قىلىپ، بۇ يەردىكى خىتاي ئىشچىلار بىلەن توقۇنۇشقان ۋە شىركەتنىڭ بىر قانچە كىرانلىرىنى مۇسادىرە قىلغان ئىدى. مۇشۇنداق جىددىي بىر شارائىتتا ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى دىققەت قوزغىدى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» غا ئەزا بولغان ھەمدە ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاينىڭ مەبلىغى ۋە سېلىنمىسىغا تايىنىپ قالغان قىرغىزىستاننىڭ خىتاي بىلەن بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزۈشى خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسى، دەپ قارىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.