دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا قوش تىل مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن، كورلا قاتارلىق جايلاردا 2017-يىل ئىچىدە تۆت ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان بالىلار ئۈچۈن «3 يىللىق قوش تىل يەسلى مائارىپى» نى ھەقسىزلەشتۈرۈش پىلانىنى ئېلان قىلىشى جىددىي ئىنكاس قوزغىدى.
خىتاينىڭ «جۇڭگو مائارىپى تورى» نىڭ 6-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستىدا 6-دېكابىر سەيشەنبە كۈنى ئېچىلغان «ئوبلاست تەۋەسىدە 3 يىللىق قوش تىللىق يەسلىنى ھەقسىزلەشتۈرۈش پىلانى» سەپەرۋەرلىك يىغىنىدا، 2016-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنىگە قەدەر كورلىدا ئوبلاست بويىچە 142 ئورۇندا «قوش تىللىق يەسلى» قۇرۇلۇپ، يەسلىلەردىكى بالىلار سانىنىڭ 3963 نەپەرگە يەتكەنلىكى، ھازىرغىچە 330 نەپەر قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىسى تەربىيىلەنگەنلىكى، 2017-يىللىق پىلاندا پۈتۈن ئوبلاست بويىچە 4 ياشتىن 6 ياشقىچە بولغان گۆدەكلەردىن 11 مىڭ 678 بالىنى 3 يىللىق قوش تىللىق يەسلىلەردە ھەقسىز ئوقۇتۇش ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
مەزكۇر خەۋەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىل مائارىپىنى «ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى ئومۇميۈزلۈك خىتايچىلاشتۇرۇش» سىياسىتى دەپ تەنقىدلەپ كېلىۋاتقان چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتە رادىيومىزغا پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئەنىۋەر ئەپەندى «قوش تىل مائارىپىنىڭ يەسلىلەرگىچە كېڭەيتىلىپ، ھەقسىز ئوقۇتۇش نامىدا ئومۇملاشتۇرۇلۇشى، خەلقئارا مائارىپ قانۇنى، ھەتتا خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ مائارىپ قانۇنىغا خىلاپ قىلمىش. بۇ خىل يۈزلىنىش ئۇيغۇر گۆدەكلىرىنى 7 ياشقىچە ئارىلىقتا ئائىلىدە ئانا تىل ئۆگىنىدىغان مۇھىتىدىنمۇ ئايرىۋېتىپ، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنى ئانا تىل ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت تەربىيىسىدىن مەھرۇم قىلىش سىياسىتى» دەپ ئەيىبلىدى.