ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى «قوش تىللىق يەسلىلەر» نى كۆپەيتىشنى قارار قىلدى
2016.11.30
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى دائىرىلىرى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەت بالىلىرىنى يەسلىدىن باشلاپ خىتاي تىلىدا تەربىيىلەشنى مەقسەت قىلغان قوش تىللىق يەسلىلەرنى كېڭەيتىش ۋە تېخىمۇ كۆپەيتىشنى قارار قىلغان.
28-نويابىر كۈنى مائارىپ نازارىتى ۋە ھۆكۈمەت بىرلىشىپ ئاچقان يىغىندا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېزا، كەنتلىرىدىكى، بولۇپمۇ نۇقتىلىق ھالدا جەنۇبتىكى قەشقەر، ئاقسۇ، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق ۋىلايەت ۋە ئوبلاستلاردىكى ئۈچ يىللىق ھەقسىز قوش تىللىق يەسلى مائارىپىنى تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش تەكىتلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، 2017-يىلى پۈتۈن رايوندىكى قوش تىللىق يەسلىلەرنىڭ سانىنى 4387 گە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى قوش تىللىق يەسلىلەرنى 3223 كە يەتكۈزۈش قارار قىلىنغان.
شۇنداق بولغاندا، ئاقسۇ، قەشقەر، خوتەن، قىزىلسۇ قاتارلىق رايونلاردىكى قوش تىللىق يەسلىلەر پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوش تىللىق يەسلىلەر نىسبىتىنىڭ 74% نى ئىگىلەيدىكەن.
دائىرىلەر يەنە، 2017-يىلى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە قوش تىللىق يەسلىلەرگە بىر مىليون 120مىڭدىن ئارتۇق بالىنى قوبۇل قىلىش، بۇنىڭ ئىچىدە 770 مىڭغا يېقىن بالىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىكى يېزا، كەنتلەردىن بولۇشى كېرەكلىكىنى بەلگىلىگەن.
مەلۇمكى، جەنۇبىي ۋىلايەتلەردىكى يېزا، قىشلاق ئاھالىسىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي كۈچەيتىپ يۈرگۈزۈۋاتقان قوش تىللىق مائارىپ، يەنى قوش تىللىق يەسلى مائارىپى ئەمەلىيەتتە پەقەت يەككە تىللىق، يەنى خىتاي تىللىق مائارىپتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ، ئۇيغۇر دىيارىدا تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلى مائارىپىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ خىتاي تىلىدا ۋە خىتاي مەدەنىيىتىدە تەربىيىلەپ، ئۇلارنى ئۆز مىللىي تىل، يېزىقى ۋە مەدەنىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.