بۇ يىل «قوش تىللىق يەسلىلەر» نامىدىكى خىتاي تىلى مائارىپى ئۈچۈن 44 مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017.11.26

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوش تىللىق يەسلى» مائارىپىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە 4 مىڭ 387 قوش تىللىق يەسلى قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىرگە يەنە زور ساندا ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئاساسلىق قوش تىللىق يەسلى مائارىپ نىشانى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىغا قارىتىلغان.

شىنخۇا تورىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قوش تىللىق»، يەنى ئەمەلىيەتتىكى خىتاي تىللىق يەسلى مائارىپى ساھەسى ئۈچۈنلا 44 مىڭ 500 نەپەر ئوقۇتقۇچى تولۇقلانغان بولۇپ، ھازىر بۇ ساھەدىكى ئوقۇتقۇچىلار 70 مىڭغا يەتكۈزۈلگەن. يېزا «قوش تىللىق يەسلىلىرى» دە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار سانى بىر مىليون 112مىڭدىن ئاشۇرۇلغان.

ئىلگىرى قوش تىللىق يەسلىلەر ئۈچۈن بىر تۈمەندىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەرمۇ ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. ئەمەلىيەتتە، قوش تىللىق يەسلىلەر ئۈچۈن بۇ يىل 44 مىڭ ئوقۇتقۇچى تولۇقلانغانلىقى ئاشكارىلاندى. گەرچە، خىتاي مائارىپ دائىرىلىرى بۇ 44 مىڭ ئوقۇتقۇچىنىڭ مىللەت نىسبىتى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر تارقاتمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى قوش تىللىق يەسلىلەر ئەھۋالىدىن خەۋەردار ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، يېڭىدىن تولۇقلانغان بۇ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ خىتايلار، بولۇپمۇ، ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلىنغان بولۇشى ھەمدە ئۇلار يۇقىرى مائاش ۋە باشقا نەپىقىلەردىن بەھرىمەن قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. چۈنكى، بۇ يىلنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە ۋە قازاقچە تىللارنى قوللىنىش چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقى ئاشكارىلانغان بولۇپ، يەسلىلەردىكى خىتاي تىلى ئوقۇتۇش تېخىمۇ كۈچەيتىلگەن، ھەتتا يېزىلارغا مۇقىملىق خىزمىتىگە ئەۋەتىلگەن كادىرلارنىڭمۇ يېزا يەسلىلىرىدە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە خىتاي تىلى دەرسى ئۆتۈۋاتقانلىقى، يېزا-قىشلاقلاردىكى دېھقانلار ئارىسىدا مەجبۇرىلىق تۈسى ئالغان خىتاي تىلى ئۆگىتىش خىزمىتى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.