جەنۇبتىكى ۋىلايەت ۋە ناھىيىلەردە يېزا «قوش تىللىق يەسلى قۇرۇلۇشى» جىددىي رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلماقتىكەن

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت بىر ئوبلاستتا يېزا «قوش تىللىق يەسلى قۇرۇلۇشى» غا سالغان مەبلىغىنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئاتالمىش «قوش تىللىق» مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتىكى قەدىمىنىڭ تېزلىكى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىدىنمۇ ھالقىپ كەتمەكتىكەن.

كېرىيە ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كېرىيە ناھىيىسى بۇ يىل ئۆز تەۋەسىدىكى يېزا-كەنتلەردە يېڭىدىن جەمئىي 108 ئورۇندا «قوش تىللىق يەسلى» قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان ئىكەن. بۇ يىل 3-ئايدا بۇ تۈر بويىچە قۇرۇلۇش باشلانغان بولۇپ، ھازىرغىچە 107 ئورۇندىكى «قوش تىللىق يەسلى» قۇرۇلۇشى پۈتۈش ئالدىدا تۇرماقتىكەن. بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرى ناھىيە تەۋەسىدە سېلىنىۋاتقان 108 «قوش تىللىق يەسلى» نىڭ ھەممىسى پىلان بويىچە قۇرۇلۇش تاماملاپ، ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدە جىددىي قۇرۇلۇۋاتقان مىڭلارچە يېزا «قوش تىل يەسلى» لىرىگە خىتايچە بىلىدىغان زور مىقداردىكى ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى لازىم بولۇپ، خوتەن ۋىلايىتى بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا 5408 نەپەر «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ھالبۇكى، خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسى 19-ئىيۇل كۈنى چىقارغان بىر جىددىي ئۇقتۇرۇشتا تېخىچە 3000 نەپەر «قوش تىل» ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئورنى بوش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيىسىمۇ ئۆز تەۋەلىكىدىكى يېزا «قوش تىللىق يەسلى» قۇرۇلۇشىنى تاماملاش ئالدىدا تۇرماقتىكەن. ئاقتۇ ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ناھىيە دائىرىلىرى جياڭشى ئۆلكىسىدىن خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئاقتۇ ناھىيىسىدىكى 370 نەپەر يەرلىك ئوقۇتقۇچىنى خىتاي تىلى بويىچە مەخسۇس تەربىيەلىمەكتىكەن.