بېيجىڭدا چوشقا ۋە ئۆردەك گۆشى ئارىلاشتۇرۇپ ياسالغان قوي گۆشى مەھسۇلاتلىرى بايقالدى

بېيجىڭ شەھەرلىك سودا-سانائەتنى مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا بېيجىڭ شەھىرىدىكى يېمەكلىك بازىرىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا بېيجىڭدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر قىسىم قوي گۆشى مەھسۇلاتلىرىغا چوشقا گۆشى ۋە ئۆردەك گۆشى ئارىلاشتۇرۇلغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىققان.

دائىرىلەر دەرھال بۇ مەھسۇلاتلارنى پېچەتلىگەن. جىڭخۇا خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك يېمەكلىك باشقۇرۇش تارماقلىرى مەزكۇر ۋەقەدىن كېيىن شەھەردىكى بارلىق قوي گۆشى مەھسۇلاتلىرى ئۈستىدىن تاللاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلغان.

بۇنىڭدىن سىرت، تەكشۈرۈش جەريانىدا يۇقىرىدىكى ساختا قوي گۆشىدىن سىرت، ماركىلىق ھەسەل ۋە كەمپۈتكە ئوخشاش 8 خىل مەھسۇلاتنىڭمۇ ئۆلچەمگە توشمايدىغانلىقى ئېنىقلانغان.

خىتايدىكى يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپەت مەسىلىسى پۇقرالارنى بىئارام قىلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. خىتايدا ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن زەھەرلىك سۈت پاراشوكى، ئاي توقاچ، يۇندىدىن ئايرىلغان ماي قاتارلىق ۋەقەلەر ھەممىسى ئالاقىدار دائىرىلەرنى بىر قاتار تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇرلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق ئۆلچەمسىز يېمەكلىك ۋەقەسى ئايىغى ئۈزۈلمەي سادىر بولماقتا.