دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە 5 جاينىڭ قۇملاشقان رايون تىزىملىكىگە كىرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016.04.05

دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بورچىن، مورى، لوپ، يېڭىسار، باغراش قاتارلىق بەش ناھىيىنىڭ نۇقتىلىق ھالدا قۇمنى تىزگىنلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 5-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، يېڭىدىن قوشۇلغان بۇ بەش ناھىيىنى قوشقاندا ھازىرغا قەدەر 17 ناھىيە، شەھەر قۇمنى تىزگىنلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن، خەۋەردە بۇ رايونلارنىڭ ئىگىلىگەن كۆلىمى 3 مىليون 625 مىڭ مو ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. خەۋەردە يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ 2013 يىلدىن باشلاپ قۇملىشىشنى تىزگىنلەش پىلانىنى يولغا قويغانلىقى، شۇ يىلى شايار، قاراقاش، پىچان، قۇمۇل، ماناس قاتارلىق 6 رايوندا سىناق تەرىقىسىدە قۇمنى تىزگىنلەش باشلانغانلىقى، 2015-يىلى يەنە جىمىسار، ئاۋات، يوپۇرغا، جىمىنەي، چىرا، چاقىلىق قاتارلىق ناھىيەلەرنىڭ قۇملىشىش-چۆللىشىشنى تىزگىنلەش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بوستانلىقلارنىڭ قۇملىشىش-چۆللىشىش ئەھۋالى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70 يىللىرىدىن كېيىن بارغانچە كۈچەيگەن. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى قۇملىشىش ۋە چۆللىشىشنىڭ سۇ قىسلىقى سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئىجتىمائىي سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەن.

مۇتەخەسسىسلەر رايوندىكى چۆللىشىش ۋە قۇملىشىشنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، ئىزچىل ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم بومبىسى سىناقلىرىدىن باشقا يەنە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئەسلىدىكى سۇ مەنبەلىرىنىڭ باش قىسمىنى بوغۇۋېلىشى، بولۇپمۇ 2000-يىللاردىن كېيىن رايوندا ئېچىلىۋاتقان نېفىت-كۆمۈر، ئالتۇن قاتارلىق يەر ئاستى بايلىقلىرىغا زىيادە كۆپ سۇ سەرپ قىلغانلىقى ئىكەنلىكى، شۇ سەۋەبتىن تەكلىماكان بويىدىكى بوستانلىقلارنىڭ چۆللىشىۋاتقانلىقى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى يايلاقلارنىڭ ئوت-چۆپ ئۈنمەيدىغان ئەھۋاللارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى تەكىتلىمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.