ئامېرىكانىڭ راندى شىركىتى خىتاي لاگېرلىرىدا غايىب بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزىنى كۆزەتمەكتىكەن
2021.04.30
ئامېرىكادىكى نۇپۇزلىق تەتقىقات ئورۇنلىرىدىن بىرى بولغان راندى شىركىتى ئامېرىكا دۆلەتلىك جۇغراپىيە ئىستىخبارات ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، سۈنئىي ھەمرا سۈرەتلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتىكەن. راندى شىركىتىنىڭ 29-ئاپرىل ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى لاگېردىكىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەنلىكىنى قەيت قىلسىمۇ، لېكىن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنىڭ ۋەزىيەتنى باشقىچە چۈشەندۈرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
راندى شىركىتىنىڭ «خىتايدىكى غايىب بولغان ئۇيغۇرلار: سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى نېمىلەرنى چۈشەندۈردى» ماۋزۇلىق دوكلاتىدا ئاشكارلىشىچە، 2019- ۋە 2020-يىللىرىدىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىسقا مۇددەتلىك تۇتۇپ «قايتا تەربىيەلەش» تىن ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماشقا ئۆزگەرگەن. راندى شىركىتىنىڭ پروگرامما ئانالىزچىسى كاتېرن فروممېر راندى شىركىتى ئېرىشكەن سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى «بىزگە خىتاينىڭ غەربىدىكى يەر يۈزىدە نېمە ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئېنىق دەللىلەرنى بەردى،» دېگەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «كىرىش رەت قىلىنغان بۇنداق رايوندا شارائىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىدىغانلىقى ۋە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى بىلىش مۈشكۈل بولۇپ، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ئۇلارغا بۇ ئۇچۇرغا ئېرىشىشنىڭ يولىنى ئېچىپ بەرگەن. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، خىتاي لاگېرلارنى ئىنكار قىلسىمۇ، بىراق رايوندىكى بۇ خىل ئورۇنلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك 2020-يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە ئىزچىل ئاكتىپ ھالەتتە بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە داۋاملىق كېڭەيگەن.