رەھىمە مەخمۇت ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان زىيارىتىنى تەنقىد قىلدى
2023.08.31
ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيمىس كلېۋېرلىي 30-ئاۋغۇست كۈنى خىتايدا خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى خەنجېڭ ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ ئەنگلىيە-خىتاي ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ 5 يىل ئارىدىن كېيىنكى تۇنجى يۈز كۆرۈشۈشى بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي زىيارىتى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
ئەنگلىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى ئەركىنلىككە تەھدىت سېلىشى، ئەنگلىيەدە جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشى ۋە خىتاينىڭ بىر قىسىم ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن جازا تەدبىرى قويۇشى ھەمدە يەنە خىتاينىڭ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى قوللىشىدەك بىر قاتار سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىددىيلەشكەنىدى. شۇڭا كلېۋېرلىينىڭ خىتايغا بارماقچى بولۇشى بىر قىسىم ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئەزالىرىنى نارازى قىلغان.
بىراق، ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جەيمىس كلېۋېرلىي يۇقىرىدىكى سەۋەبلەرنى دەپ ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىسىنى پۈتۈنلەي ئۈزۈۋېتىشنىڭ خاتالىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاقلىغان.
ئۇ ئەنگلىيە رادىيو-تېلېۋىزىيەسى BBC گە قىلغان مەخسۇس سۆھبىتىنىڭ نىشانىنىڭ كېلىشەلمىگەن تەرەپلەردە «بىۋاسىتە ۋە ئېنىق» سۆزلەش ۋە «ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان جايدا ھەمكارلىشىش» پۇرسىتى ئىزدەش بولغانلىقىنى ئەسكەرتكەن شۇنىڭدەك «شۇڭلاشقا مەن ھەر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە كىشىلىك ھوقۇق، شىنجاڭ، خوڭكوڭ مەسىلىسىنى ۋە ئايرىم دېلولارنى ئوتتۇرىغا قويدۇم» دېگەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيەدىكى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم بولسا ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جەيمىس كلەۋېرلىينىڭ يۇقىرىدىكى جاۋابىنى قايىل قىلارلىق، دەپ قارىمىغان. ئۇ ئەنگلىيەدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن «تاماشىبىن ژۇرنىلى» (The Spectator) دا ماقالە ئېلان قىلىپ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كلېۋېرلىينى تەنقىد قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە ئالدى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى تارىختا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ جاۋابكارلىرىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈشكە چاقىرىپ مۇنداق دېگەن: «سىز شۇ تارىخىي رەسىملەردە كۆرگەن جىنايەتچىلەرنىڭ سوغۇق يۈزلىرىنى ئەسلەڭ ۋە ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ شۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى قانچىلىك قەدىرلەيدىغانلىقىنى دېگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ، بۇ ھەقىقەتەنمۇ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز. بىراق مەن بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى بۈگۈن جەيمىس كلېۋېرلىي خىتايغا بېرىپ، خەلقىمنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلار بىلەن بىر يەردە تۇرۇش ئارقىلىق بۇنى ماڭا كۆرسەتتى».
ئۇ جەيمىس كلېۋېرلىينىڭ خىتايغا قىلغان زىيارىتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىدىغان سورۇنغا ئايلاندۇرىدىغان پۇرسىتى بار تۇرۇپ ئۇنداق قىلمىغانلىقى، ئەكسىچە «ھەربىر رەھبەر بىلەن ئايرىم كۆرۈشكەندە دېدىم،» دەپ بولدى قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ: «بۇ، ئۇيغۇرلارغا يەتمەيدۇ. تارىخ كلېۋېرلىينىڭ مېنىڭ خەلقىمگە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگۈچىلەر بىلەن چۈشكەن دوستانە سۈرەتلىرىگە ھەرگىزمۇ ياخشى باھا بەرمەيدۇ» دەپ يازغان.