خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىشى خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە داۋاملىق غۇلغۇلا قوزغىماقتا. جۈمە كۈنى مەزكۇر ۋەقە ياپونىيە، ھىندىستان، خوڭكوڭ، گېرمانىيە، ئامېرىكا، كانادا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە داۋاملىق خەۋەر قىلىندى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ئاز دېگەن 5 نەپەر مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قاماق جازاسىغا، مۇتلەق كۆپ قىسمىنى «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» گە سولىغان. بەزى مۇخبىرلارنىڭ ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بولۇپ 20 دەك كىشى قامالغان ئىدى.
بۇ ئەھۋال يېقىندا ئاخباراتقا ئاشكارىلىنىپ دۇنيادىكى نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بىردەك خەۋەر قىلىندى. بۇ يەنە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ژۇرنالىستلارنى قوغداش ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن تۇتقۇنلارنى دەرھال قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.
ياپونىيە «ئاساھى شىمبۇن» گېزىتى جۈمە كۈنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىنى كۆچۈرۈپ باسقان. خەۋەردە رادىيومىز مۇخبىرلىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى خىتاينىڭ قانۇندىن ھالقىغان تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئۇيغۇرلارنى بۇ لاگېرلارغا قامىغانلىقى خەلقئارادا كۈچلۈك ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە ئاشكارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خوڭكوڭدىكى «ئەركىن ئاخبارات» تور بېتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قوغداش تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغانلىقى، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ «زالىملارچە تاكتىكا» دەپ ئەيىبلەنگەنلىكى تەكىتلەنگەن. ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق كونسېرۋاتىپ تور بېكەتلىرىدىن «برېيباتت تورى» پەيشەنبە كۈنى مەزكۇر ۋەقەنى خەۋەر قىلىپ، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئۇرغۇر مۇخبىرلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خەۋەردە يەنە شى جىنپىڭ دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرىغا مۇسۇلمانچە ئىسىم قويۇشى چەكلەنگەنلىكى، «قۇرئان» نىڭ مۇسادىرە قىلىنىپ، مۇسۇلمانلار تاماكا، ھاراققا ئوخشاش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى سېتىشقا مەجبۇرلانغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئاپتوموبىللىرىغا ئىز قوغلاش ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغانلىقى تەكىتلەنگەن.